سىياسەتنىڭ ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپى- ئەگەر دىققەت قىلمىسا
سىياسەتنىڭ قىلىدىغان ئەڭ خەۋپلىك ئىشى ھۆكۈمەتلەرنى ئۆزگەرتىشى ئەمەس… بەلكى «ئىنساننى ئۆزگەرتىشىدۇر».
نۇرغۇن كىشىلەر سىياسىي خەتەرنى بىر مىللەت ئۇرۇشتا يېڭىلگەندە، ياكى بېسىۋېلىشقا ئۇچرىغاندا ياكى ئىقتىسادىي كىرىزىسقا پاتقاندا باشلىنىدۇ دەپ ئويلايدۇ.
لېكىن بۇلاردىن ئىلگىرى، تېخىمۇ جىمجىت بىر يوقىتىش بار… ئۇ بولسىمۇ، سىياسەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىنى، مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە قادىر بولۇپ قېلىشىدۇر.
بۇ چاغدا مەسىلە ۋەقەلەرنىڭ ئۆزىدە ئەمەس… بەلكى ۋەقەلەرنىڭ قەلب ۋە روھلاردا قالدۇرغان ئىزلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
ئاممىۋى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش بىر ئېھتىياجدۇر، چۈنكى ئىسلام دىنى مۇسۇلماننى ئۆز ئۈممىتىنىڭ (مىللىتىنىڭ) مەسىلىلىرىدىن غاپىل قېلىشقا ياكى رېئاللىقتىن ئايرىلىپ ياشاشقا تەربىيەلىمىگەن.
لېكىن، سىياسەت ھاياتنىڭ بىر قىسمى بولۇشتىن قېلىپ… «ھاياتنىڭ تولۇق ئۆزىگە ئايلىنىپ قالغاندا» مەسىلە چىقىشقا باشلايدۇ.
ئىنسان پەقەت خەۋەرلەرنىلا كۆرىدىغان، پەقەت توقۇنۇشلار ئۈستىدىلا سۆزلەيدىغان ۋە كىشىلەرگە پەقەت ئۇلارنىڭ سىياسىي مەيدانىغا قاراپلا باھا بېرىدىغان بولۇپ قالغاندا؛
ئەنە شۇ چاغدا، قىممەتلىك بىر نەرسە يىمىرىلىشكە باشلايدۇ:
* كۆڭۈل بۆلۈش دائىرىسى تارىيىپ كېتىدۇ.
* روھىي دۇنياسى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
* ئائىلە ئەخلاق، خاتىرجەملىك ۋە تەربىيە مەكتىپى بولۇشنىڭ ئورنىغا، بىر خەۋەر مەركىزىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
نەچچىلىگەن ئاتىلار باركى، دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى بىلىدۇ-يۇ… لېكىن ئۆز پەرزەنتىنىڭ قەلبىدە نېمە ئويلارنىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
نەچچىلىگەن ياشلار باركى، چوڭ ۋەقەلەرنى تەھلىل قىلالايدۇ-يۇ… لېكىن ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش، بىرەر ماھارەت ئۆگىنىش ياكى بىرەر كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن ھېچقانداق پىلانى يوق.
مىللەتلەر پەقەتلا سىياسىي ئاڭ بىلەنلا قەد كۆتۈرمەيدۇ…
بەلكى رېئاللىقنى چۈشىنىش، نەپسىنى ئىسلاھ قىلىش، ئائىلە قۇرۇش ۋە خىزمىتىنى پۇختا قىلىشنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ئىنسان بىلەن قەد كۆتۈرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قۇرئان كەرىم مۆمىنلەرگە ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ھەققىدە سۆزلىگەندە، نەپسنى پاكىزلاشنى، نامازنى ئادا قىلىشنى ۋە ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشنى ھەرگىز سەل چاغلىمىغان. چۈنكى ئىچكى جەڭدە (نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىشتا) يېڭىلگەن بىر جەمئىيەت، تاشقى جەڭدە (دۈشمەن بىلەن بولىدىغان جەڭدە) ھەرگىزمۇ غەلىبە قىلالمايدۇ.
ئىنساننىڭ ئۆز ئائىلىسىگە، ئىلىم-مەرىپەتكە ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈممەتنىڭ/ مىللەتنىڭ مەسىلىلىرىدىن چەتنەپ كېتىش دەپ ئويلاپ قېلىشى چوڭ بىر خاتالىقتۇر.
ئەكسىچە، دەل مۇشۇ ئىشلار قەد كۆتۈرەلەيدىغان بىر مىللەتنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.
سىياسەت بەلكىم بىر يىللىق ياكى ئون يىللىق تەقدىرنى بەلگىلىشى مۇمكىن… لېكىن «تەربىيە ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرىنى» يارىتىدۇ.
شۇڭا، دانا ئىنسان ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ھادىسىلەرنى كۆزىتىدۇ، لېكىن ئۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۆزىدىكى ئىنسانىيلىقنى ئوغرىلىۋېلىشىغا، ئائىلىسىنىڭ ئالدىدىكى تەبەسسۇمىنى ئۆچۈرۈشىگە، ئۆزىنى يېتىشتۈرۈشىگە، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ياكى ئەتراپىدىكىلەرگە ياخشىلىق قىلىشىغا توسالغۇ بولۇشىغا يول قويمايدۇ.
دېمەك، سىياسەت ئىنساننىڭ ئۇپۇقىنى كېڭەيتىشى، لېكىن قەلبىنى تارايتىپ قويماسلىقى كېرەك.
ئۇنىڭغا ئۆتكۈر ئەقىل بېغىشلىشى كېرەككى، كۆڭلىنى غەزەپ-نەپرەتكە تولدۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.
ئۇنى ئەمەلىي ئىش قىلىشقا ئۈندىشى كېرەككى، پەقەت تاماشىبىن بولۇش بىلەنلا كۇپايىلەندۈرۈپ قويماسلىق كېرەك.
چۈنكى مىللەتلەر قۇرۇق ھاياجانلانغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، بەلكى «قۇرغۇچى ۋە بىنا قىلغۇچىلارنىڭ» كۆپلۈكى بىلەن ئۆزگىرىدۇ.
قاچانىكى، ئىنسان ئىمانىنى، ئەخلاقىنى، ئائىلىسىنى، ئىدىيەسىنى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ، تەڭپۇڭ يول تۇتالىغاندا، ئۆزىنى ھىمايە قىلىشتىن سىرت، جەمئىيىتىنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشالايدۇ.
د. ئابدۇلكەرىم بەككار