ئەڭ تەس ۋەزىپە ئانا بولماق
دۇنيادىكى ئەڭ تەس ۋەزىپە ئانا بولماقتۇر، چۈنكى ئانا:
ئەرگە ئاياللىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ،
بالىلارغا ئانىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ،
بالىلارغا ئەقىدە، ئەخلاق ۋە قىممەت قاراش تەربىيەسىنى سىڭدۈرىدۇ،
بالىلارغا مۇئەللىم بولىدۇ،
كۈندە بىرقانچە قېتىم تاماق تەييارلايدۇ،
تاماقنى باشقىلارغا بېرىپ بولۇپ، ئۆزى ئاخىردا يەيدۇ،
ئۆي تازىلايدۇ ۋە رەتلەيدۇ،
كىيىم-كېچەكلەرنى يۇيىدۇ ۋە دەزماللايدۇ،
بەزىدە يىرتىلىپ كەتكەن كىيىملەرنى تىكىدۇ،
ئائىلە ئەزالىرى ئاغرىپ قالسا، دوختۇرلۇق قىلىدۇ،
سەھەردە قوپۇپ، بالىلارنى نامازغا ئويغىتىپ، مەكتەپكە يولغا سالىدۇ،
ئۆيدىكى ھەممەيلەن ئۇخلاپ بولغاندا، ئاندىن ئانا ئۇخلايدۇ،
بالىلاردىن بىرەرسى سىرتتىن كىرىپ بولالمىغان بولسا، ئۇيقۇسى كېلىپ كەتسىمۇ ئۇخلىماي تۆت كۈزى بىلەن بالىسىنىڭ سالامەت قايتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ.
ئۆيدىكى ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ راھىتى بىلەن بولۇپ كەتكەندە، ئانا ئۆزىنى ئۇنتۇپ ئېرىنىڭ، بالىلىرىنىڭ ۋە ئۆيىنىڭ راھىتىنى ئويلايدۇ.
كىچىك بالىسى بولۇپ قالسا، كېچىدە بالىنى ئېمىتىش ئۈچۈن بىرقانچە قېتىم ئويغىنىدۇ، بالا يىغلاپ ئۇخلىمىسا، ئانا ئۇخلىيالمايدۇ،
ھەپتىدە بىرەر كۈنمۇ ھېچ ئىش قىلماي دەم ئېلىش پۇرسىتى چىقمايدۇ،
ئايال كىشىنىڭ ھاياتىدا دەم ئېلىش بولمايدۇ، مائاشمۇ بولمايدۇ،
ئايال كىشىنىڭ ھاياتى ئايلار ۋە يىللار بويى مۇشۇنداق پىداكارلىق بىلەن ئۆتىدۇ…
دېمەك، بالىلار ئانىنىڭ خىزمىتى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ جاپالىق خىزمەت.
ئانا بالىلىرىنىڭ تېرىشىپ ئوقۇپ ياخشى ۋە ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، بالىلىرىنىڭ راھىتى ئۈچۈن جاپا چېكىدۇ…
بالىلار، سىلەر ئانىغا خىزمەتچى ئورنىدا مۇئامىلە قىلماڭلار، ئۆزۈڭلار يېتىپ تۇرۇپ ياكى تېلېفون ئويناپ تۇرۇپ، ئانىدىن ئۇنى، بۇنى قىلىپ بەرگىن دەپ تەلەپ قىلماي، قىلالايدىغان ئىشنى ئۆزۈڭلار قىلىڭلار.
ھەركۈنى ياتقان يېرىڭلارنى ئۆزۈڭلار رەتلەڭلار،
كىيىم كېچەكلىرىڭلارنى، سومكاڭلارنى ۋە كىتابلىرىڭلارنى جايىدا رەتلىك قويۇڭلار.
ئۆزۈڭلار تاماق يېگەن قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇۋېتىڭلار ياكى قاچا يۇيۇش ماشىنىسىغا سېلىۋېتىڭلار.
تاماق ئېتىش، ئۆي رەتلەش ۋە ئۆي تازىلاشقا ئوخشاش ئۆي ئىشلىرىدا ئاناڭلارغا بىر ئاز بولسىمۇ ياردەملىشىپ بېرىڭلار.
بالىلار، ئانىنىڭ قەدرىگە يېتىڭلار،
ئانىنى خاپا سالماڭلار.
ئاناڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار،
ئاناڭلارغا ئاۋازىڭلارنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گەپ قىلماڭلار،
ئانا بىلەن جېدەللەشمەڭلار،
مۇناسىپ ۋاقىتتا چىرايلىق ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈڭلار،
سىلەر خاتالاشقان بولساڭلار، ئاناڭلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا ئادەتلىنىڭلار.
بالىلار، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر ھەرقانچە قىلىپمۇ ئانىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ بولالمايسىلەر.
شۇڭا، ئانىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئانىنى رازى قىلىشقا ۋە ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋېلىشقا تېرىشىڭلار…
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.