ئىسلام ۋە سېكۇلارلىشىشنىڭ مەنبەلىرى
كىرىش سۆز
دىننىڭ مودېرن ۋە پوست مودېرن دەۋرلەردىكى ئىنسانىيەت ھاياتىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ۋە بۇ رولنىڭ قانداق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئوقۇدۇق ۋە ئاڭلىدۇق. بۇ ئوقۇپ، ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى دۇنيادا قانداق يېڭىلىقلار ۋۇجۇدقا چىققانلىقىغا دىياگنور قويۇشتىن بەكرەك، يېڭىلىقلارنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە قېلىپلاشقان پاراڭلارغا مەركەزلەشتى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياكى سىياسەتتە دىننىڭ ئورنىنىڭ قانچىلىك بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى پاراڭلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى لايىكلىق ھەققىدىكى دەتالاشلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا بولۇۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىمىز مەزكۇر قېلىپلاشقان پاراڭلارنىڭ دىن – دۆلەت مۇناسىۋىتىنى سىستېمىلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە سىياسىي جەھەتتىن مەلۇم دەرىجىدە بېسىم پەيدا قىلىش ئارقىلىق كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ھالبۇكى، ھەم لايىكلىق، ھەم سېكۇلارىزم ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائىي بىلىملەر پۈتۈن دۇنيا سېكۇلارىزمىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئەقلىي چېكىنىش، كۈندىلىك تۇرمۇشقا دائىر ئادەت ۋە تەسەۋۋۇرلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن باشقا ئىش قىلالىغىنى يوق. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىلىم بۇنداق كېچىككە كىرىۋالماسلىقى، دىننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىش – كۆرسەتمەسلىكى مەسىلىسىگە بۇنچىۋالا ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك ئىدى. بۇ مەسىلىنىڭ ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەرىپى بىلەن دىنغا سەلبىي پوزىتسىيە تۇتىدىغان سىياسەتچىلەرگە ياكى دىندارلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى بىر – بىرىدىن ئايرىشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن، مودېرنىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرىنى دەسلەپتىن باشلاپلا سېكۇلارلىقنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ كۆرسەتكەن؛ بۇ ھەقتە چىقارغان يەكۈنلىرىنىمۇ شۇنداق خاھىش بىلەن مەسىلىنى كۆزىتىپ، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق چىقارغان، دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز.
ئەمەلىيەتتە، مودېرنىزمنى ئاپىرىدە قىلغان پۈتۈن جەريانلار بىرلا ۋاقىتتىكى، بىر قېتىملىق سىياسىي بېسىمنىڭ سەمەرىسى بولمىسىمۇ، ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان سانائەتلىشىش ۋە شەھەرلىشىش جەريانلىرى مودېرنىزم بىلەن قوشۇپ سېكۇلارىزمنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقى مۇقەررەر. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە ئىنسانلار رېئاللىقتا يۈز بەرگەن بارلىق ھادىسىلەرنى «تەبىئەت ھالقىغان كۈچ» (مېتافىزىكىلىق كۈچ) كە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ دۇنيانى «سېھىرلەنگەن» دەپ ئاتىشاتتى. بۇنىڭغا ئوڭ تاناسىپ ھالدا، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ كۆپلىگەن ساھەلىرى ياكى سىياسەتمۇ ئاشۇ سېھىرلەنگەن دۇنيانىڭ تەلەپلىرى بويىچە تۈزۈلەتتى. بۇ ئەھۋال پۈتۈن ئەنئەنىۋى جەمئىيەت ئىنسانلىرىنىڭ ھەمىشە مەلۇم بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، زامانىۋى جەمئىيەتكە ئۆتۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالامىتى دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەر ئىشنىڭ سەۋەبىنى يەنە مۇشۇ دۇنيانىڭ چەك – چېگرالىرى ئىچىدىن ئىزدەش ھەمدە ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقلەر ئارىسىدا بايقالغان پەرقلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان دىنىي نىسپىيلىك نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن نەزەر دائىرىنىڭ بىر قەدەر كەڭ بولۇشى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەممەيلەن سېكۇلارىزمنى قوبۇل قىلىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. «زامانىۋى شەھەر» (مودېرن شەھەر) دېگىنىمىز، مەلۇم رايوندىكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ياشايدىغان باشقا ئىنسانلارنى «بۇلار دۇنيانى ئوخشىمىغان ئېتىقاد نۇقتىسىدىن كۆزىتىدۇ» دەيدىغان ئاڭ بىلەن، ئۆزلىرىنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىدا قويۇپ تۇرۇپ ئۆملۈكتە ياشىشى ياشام كۈلتۈرىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسىغا ئايلانغان جايدۇر.
ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى سىزىپ چىققان بۇ سېكۇلارىزم چېرتىيوژى قانداقلا بولمىسۇن بىر زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ تولۇقلىغۇچى، مۇھىم بىر پارچىسىدۇر. بۇ چېرتىيوژنىڭ تەپسىلاتلىرىدا ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىپ بېكىتكەندە، تەدرىجىي ھالەتتە ھەرقانداق دىنىي كەيپىياتتىن ئايرىۋېتىشمۇ مەۋجۇت. «سېكۇلارىزم» پەقەت سىياسەت ساھەسىدە ھاكىمىيەت بىلەن دىننىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلىشى ۋە مۇشۇ مەسىلىلەرنى قېلىپلاشتۇرىدىغان قانۇن – پىرىنسىپلارلا ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى ئىسكەنجىگە ئالىدىغان «دۇنياۋىلىشىش» ئېقىمىدۇر. ئەمەلىيەتتە، بۇ «دۇنياۋىلىشىش» ئۇقۇمى سېكۇلارىزمنىڭ كۆپلىگەن تەبىرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇناسىپ بولغانلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ تەبىرنى مۇشۇ پېتىلا «دۇنيا دىندارلىقىنىڭ قارىمۇقارشى قۇتۇپى» دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سېكۇلارىزمنىڭ تەسىرى كېڭەيگەنسېرى تەڭرىنىڭ ياكى دىندارلىقنىڭ تەسىرى شۇنچە تارىيىپ بارىدۇكى، ئاخىر بېرىپ دىن دۇنيا سەھنىسىدىن يوقىلىدۇ. ئىلگىرى بۇ ئاڭ شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارغان ئىدىكى، گېرمان پەيلاسوپ نىتچى بۇ جەرياننى «تەڭرىنىڭ ئۆلۈمى» دەپ تەسۋىرلەشتىنمۇ قىلچە ئىككىلىنىپ قالمىغان.
مودېرنلىشىش (زامانىۋىلىشىش) ھەققىدىكى بارلىق تەتقىقات ۋە ئانالىزلار ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ دۇنيانى دۇنياۋىلىشىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، دىن دۈشمەنلىكى تېخىمۇ ئىسكەنجىسىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىگە كەلگەندە پۈتۈن دۇنيا دىندارلىق دولقۇنىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئەۋج ئالغانلىقىغا شاھىت بولدى. پەقەت ئىسلام دۇنياسىدىلا ئەمەس، خىرىستىيان، يەھۇدىي ۋە بۇدىست دۇنياسىدىمۇ مودېرنلىشىش نەزەرىيەلىرى تەسۋىرلىگەندەك دىندارلىقنىڭ يوقىلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، گەرچە مودېرن شەكىلدە بولسىمۇ ھەممىسىدە دىنغا تېخىمۇ مايىل بولۇش ئالامەتلىرى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان كۆپلىگەن ئۇرۇش، توقۇنۇش، چېكىنىش ۋە تەرەققىيات قاتارلىق تۈرلۈك ھادىسىلەردە دىن يەنىلا ئەڭ مۇھىم قوزغاتقۇچى ئامىللاردىن بىرى بولۇپ ئۆزىنى ئىزچىل نامايان قىلىپ كەلدى. بىر قىسىم جەمئىيەتشۇناسلار بۇ ئەھۋالنى مودېرن دەۋردە «ئالدىراقسانلىق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن تەڭرىنىڭ ئىنتىقامى» دەپ تەسۋىرلەشتى. بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بولۇپمۇ ئىسلام دۆلىتى بولغان تۈركىيەنى قوبۇل قىلىش ئىستراتېگىيەسىگە پۇتلىشىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ يەنە شۇ دىن ئىكەنلىكى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتتۇر. يەنە ئوتتۇرا شەرقتە پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن چېكىنىش سىزىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بېكىتى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇق سەۋەبىمۇ، ئۇلار پەيدا قىلغان بارلىق چېكىنىشلەرنىڭ مەنبەسى ۋە سەۋەبىمۇ يەنىلا شۇ دىندۇر. ئۇنىڭغا قارشى چىققانلارمۇ ئوخشاش غەرەز ۋە ئوخشاش ئىسپات بىلەن قارشى چىقماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دىندارلىق بولۇپمۇ خەلقئارا سىياسەتتە ھېلىھەم ئەڭ مۇھىم مۇددىئا ۋە بەلگىلىگۈچى ئامىل بولۇش ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسەتلىرىدىمۇ دىندارلىق نىسبىتى تۆۋەنلەشنىڭ ئورنىغا بارغانسېرى كۆپىيىپ بارماقتا.
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، دىندارلار توپىدىمۇ، لايىكلار توپىدىمۇ بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن ئىنسانلار سېكۇلارلىشىش (دۇنياۋىلىشىش) قا قاراپ كېتىۋاتقاندەك بىر خاتا قاراش مەۋجۇت. سېكۇلارست ياكى لايىك بىر سىياسەتچى ۋە ياكى ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دىندارلىق ئېقىمىنىڭ مودېرنىزمغا ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان تەھدىتكە قارشى يا بىر راھەتبەخش ئەتكۈچى سۈپىتىدە، ياكى لايىكلىقنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىگە بولغان ئىشەنچلىرىنى يوقىتىپ قويۇش ئەندىشىسىگە تەسەللى سۈپىتىدە شۇ خىلدىكى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقىدۇ. بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا، دىندارلارنىڭ مۇشۇ تىپتىكى قاراشلىرى يا شىكايەت، يا ئەنسىز بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلار بۇ ئەندىشىلەر ئەمەلىي ئەھۋالنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، دېيىشىمۇ مۇمكىن. ئىشنىڭ قىزىقارلىق تەرىپى شۇكى، بۇنداق ئەندىشىلىك پاراڭلار بارغانسېرى لايىك نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىلغان تەسۋىرىي پاراڭلارغا قوشۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. قىسقىسى، ھەر ئىككى توپ كىشىلەر ئۆزئارا ئوخشىمايدىغان ھېسسىياتتا بولسىمۇ، بۇ ئەھۋال ئىجتىمائىي تەرەققىيات سۈپىتىدىكى سېكۇلارىزم پەرىزىنى قوللىغانلىقتۇر.
ئۇنداقتا، كىلاسسىك مودېرنىست نەزەرىيەچىلەر «قۇرۇق گەپ»كە چىقارغان، ئەمما كۈنسېرى ئۇلغىيىۋاتقان بۇ دىندارلىق ئېقىمى ئالدىدا، دىن – دۇنيا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى بۈگۈنكى كۈندە «سېكۇلارلىشىشقا يۈزلىنىش» دەپ قانداقمۇ ئېيتقىلى بولسۇن؟
ھازىر سېكۇلارىزم جەمئىيەتشۇناسلىقى ساھەسىدە دەۋر سۈرۈۋاتقانلار دىندارلىقنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىلىرىنىمۇ ئوڭتەي – توڭتەي قىلىپ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنى سېكۇلارىزمنىڭ ئىپادىلىرىدەك قىلىپ كۆرسىتىشتە خېلى ئۇستىلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. مەسىلەن، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىكىر ئوخشىماسلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇ ئوخشىماسلىقلارنىڭ نورمال قوبۇل قىلىنىشى سېكۇلارلىشىش جەريانىنىڭ بىر باسقۇچى دەپ قارالماقتا. ئىسلامىي كەيپىياتنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىشى بىلەن بىرگە، مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرگە ياشاشنى قوبۇل قىلىشىنى ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپتىن باشلاپ ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن، ئىشەنچلىك دىندارلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، يەنە شۇ خىل نۇقتىئىينەزەردە تۇرۇپ چوقۇم يېتىپ بارىدىغانلىقى «تەقدىردە پۈتۈلگەن نىشان» بولغان سېكۇلارىزمنىڭ بىر شەرتى، نەتىجىسى ياكى ئالامىتى سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «سېكۇلارلىشىش» ھەممەيلەن ھامان بىر كۈنى يېتىپ بارىدىغان «تارىخنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسى» باسقۇچىغا توغرا كېلىدىغان بىر كۈلتۈر ياكى ئەڭ ئاخىرقى ياشام شەكلىمۇ؟
ئەمەلىيەتتە، سېكۇلارلىشىش ۋە لايىكلىق مەسىلىسىنىڭ ئىجتىمائىي جەريان ياكى سىياسىي تۈزۈم بولۇشى ئارىسىدىكى قىزىل سىزىقنىڭ تۈركىيەدە تېخىمۇ قېنىق بولۇشى بۇ ئىككى مەسىلىنى بىر – بىرىدىن ئايرىش ئېھتىياجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تېخىمۇ توغرىسى، ھازىر بۇ مەسىلىنى كۆپ خىللىق نۇقتىئىينەزىرىدە تۇرۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پايدىسى زور.

كل التفاعلات:
٣٣