بالىلارنىڭ ئوغرىلىق قىلىش سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى
بالىلاردا ئوغرىلىق قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، بۇ ئەھۋالنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەسلەپتە بۇ ئىللەتنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى چۈشىنىش لازىم. بۇ ئىللەت بالىلاردا بىرىنچى قېتىم يۈز بەرگەندە بالىلارنى ئۇرىدىغان ياكى تىللايدىغان ئىشنى قىلماي كۆيۈنۈش ئىچىدە چىرايلىق تەربىيە قىلىش لازىم. شۇنىڭدەك بالا ئوغرىلىق قىلىپ سالغان بولسا، ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىق ياكى بالىلىرىنى مۇداپىئە قىلماسلىق لازىم.
بالىلارنىڭ باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىش ياكى ئوغرىلىق قىلىش ئەھۋالى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ :
1. ئۈچ، بەش ياشلىق كىچىك بالىلار:
بالىلاردىكى باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىش ئەھۋالى ئۈچ، تۆت، بەش ياشتىن تارتىپ باشلايدۇ. بۇ ياشتا بالىلار باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇققا ئوخشاش نەرسىلىرىنى ئاشكارا ئىلىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ياشتىكى كېچىك بالىلارنىڭ خاتا قىلمىشلىرىنى ئوغرىلىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ قىممىتى بىلەن ھېسابلاشماي، قىزىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇڭا، بۇ باسقۇچتا بالىلارنى جازالىماي، باشقىلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كاللىسىغا سىڭدۈرۈۋېتىش لازىم.
2. باشلانغۇچ ياكى ئورتا مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار:
بالىلار مەكتەپ يېشىغا قەدەم قويغاندا، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىشنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالمىغانلىقتىن، ياكى ساۋاقداشلىرىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك، ياكى قىزغىنىش سەۋەبىدىن ئېلىۋالىدىغان ياكى ئوغرىلىق قىلىدىغان ئىللەت پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.
3. بالاغەتكە يەتكەن بالىلار:
بالاغەت يېشىغا يەتكەن بالىلاردا ئوغرىلىق قىلىش ئەھۋالى يۈز بەرسە، ئەقىدە- ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن، ياكى ئوغرىلىق قىلىشنىڭ خاتالىقىنى بىلسىمۇ ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن، ياكى پىسخىكىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن، ياكى پۇل ئېھتىياجىدىن، ياكى دوستلىرىنى دورىغانلىق سەۋەبىدىن، ياكى دوستلىرىنىڭ زورلىشى ۋە قىزىقتۇرۇشى سەۋەبىدىن، ياكى ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا ئۇرۇنۇش سەۋەبىدىن، ياكى قاراملىق قىلىپ باققۇسى كېلىش سەۋەبىدىن، ياكى ئائىلىسىنىڭ پۇلدىن بەكرەك سىقىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىگە موھتاج بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەتنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇنۇش سەۋەبلىرىنىڭ بىرسىدىن… بولىدۇ.
بالىلاردىكى ئوغرىلىق قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى
1. كەمبەغەللىك، مەھرۇملۇق ۋە تەڭتۇشلىرىدىن كەمچىللىك ھېس قىلىش،
2. باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىگە قول ئۇزىتىشنىڭ خاتالىقىنى بىلمەسلىك،
3. باشقىلاردا بولغان، ئۆزىدە بولمىغان بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئارزۇسى،
4. باشقىلاردىن قىزغىنىش،
5. ئائىلىدىكى قوپال ياكى بەك ئەركە تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ خاتالىقى،
6.بالىلارنىڭ فىلىم ۋە ئىنتېرنېتتىن تەسىرلىنىپ دوراپ بېقىش،
7. بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىنى دورىشى،
8. يامان دوستلارنىڭ تەسىرى،
9. ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرىدىن، ياكى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرسىدىن ئىنتىقام ئېلىش ياكى ئاچچىغىنى چىقىرىش تۇيغۇسى،
10. پۇل توپلاش ھەۋىسى،
11. ئائىلىدىكى ئاجرىشىپ كېتىش، ياكى جېدەل -ماجىرا، ياكى بالىغا كۆيۈنمەسلىك سەۋەبلىك ئائىلىدە كۆيۈنۈشتىن مەھرۇم قېلىش،
12. ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە قاراملىق قىلىش تۇيغۇسى،
13. بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ يانچۇقىغا قول سالسا، ياكى قېرىنداشلىرىنىڭ نەرسىلىرىنى رۇخسەتسىز ئېلىۋېلىش ھالىتى يۈز بەرسە، ۋاقتىدا تەربىيە قىلماي سەل قاراش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
بالىلاردىكى ئوغرىلىق ئىللىتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى
بالىلار بىرىنچى قېتىم ئوغرىلىق قىلىپ سالغاندا، ئۇرماستىن، تىللىماستىن، ۋارقىرىماستىن، ھاقارەت قىلماستىن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن چىرايلىق ئۇسۇلدا تەربىيە قىلىش ۋە ئوغرىلىۋالغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قىزىقتۇرۇش مۇھىم. شۇنىڭدەك بالىنىڭ كۆڭلىنى يارا قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇنى قېرىنداشلىرى ۋە دوستلىرى ئارىسىدا ئوغرى دەپ ئەيىبلىمەسلىك لازىم.
باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلاردىن تارتىپ بويىغا يەتكەن بالىلارغا قەدەر يۈز بېرىدىغان بۇ خەتەرلىك ئىللەتنى تۈزىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:
1. بالىلارنىڭ ئوغرىلىق قىلىپ سالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ۋە ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ياردەم بېرىش،
2. بالىغا باشقىلارنىڭ نەرسە- كېرەكلىرىنى ھۆرمەتلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش،
3. بالىغا باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىشنىڭ ياكى ئوغرىلىق قىلىشنىڭ گۇناھ ۋە ھارام بولىدىغانلىق ئېتىقادىنى سىڭدۈرۈش،
4. بالىلارنىڭ زۆرۈر بولغان ماددىي ئېھتىياجلىرىنى كۈچنىڭ يېتىشىچە قاندۇرۇش، شۇنىڭدەك سۆيگۈ، كۆيۈنۈش ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت پىسخىكا ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش،
5. بالىلارغا بالاغەت يېشىغا يەتكەندە مۇنتىزىم پۇل بېرىپ تۇرۇش،
6. بالىلارنى يامان دوستلاردىن يىراق تۇتۇش،
7. بالىنى ئوغرى دەپ سۈپەتلىمەسلىك،
8. بالىغا باشقىلارنىڭ نەرسىنى ئىشلىتىغاندا، رۇخسەت سوراپ ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگىتىش،
9. بالىغا باشقا قېرىنداشلىرىدىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلماسلىق،
10. بالىنىڭ بىرىنچى قېتىم ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى بىلگەندە، تەربىيە قىلىشقا سەل قارىماسلىق، بولمىسا ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
11. بالىغا ئوغرىلىق قىلىشنىڭ ئەڭ ئەخلاقسىز قىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش،
12. بالىنىڭ يالغان سۆزلىمەسلىكى ئۈچۈن بالا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى تۇتۇش ۋە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش،
13. بالىغا ئەقىدە- ئەخلاق تەربىيەسىنى، ياكى كىملىك ۋە قىممەت تەربىيەسىنى كۈچلەندۈرۈش لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
بەخت ۋە كۆڭۈل راھىتىنىڭ يولى
فىلىم كۆرگەندە ياكى ئويۇن ئوينىغاندا دىققەت قىلىشقا ئىشلار
ئاتا-ئانىغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقلىرى