بالىلار تەربىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم قورال
ناماز، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى — بالىلارنى ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلەشتىكى ئەڭ مۇھىم قورالدۇر.
نامازغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، قۇرئان كەرىمنى كۈندە ئاز بولسىمۇ ئۈزمەي ئوقۇيدىغان ۋە ئۈلگىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىدىغان بالىلار ئاسان ئېزىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ تەربىيەسى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا بولىدۇ.
شۇڭا، بالىلارنى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇلارغا قۇرئان كەرىمنى ئۆگىتىش، ئوقۇتۇش، يادلىتىش ۋە چۈشەندۈرۈش تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالى ھېسابلىنىدۇ.
چۈنكى قۇرئان كەرىم خۇددى قۇياشقا ئوخشايدۇ، نۇرى ھەممە ئادەمگە يېتىدۇ. بىراق، قۇياش نۇرى تەسىر دائىرىسىگە كىرمىگەن ئادەمگە يەتمىگىنىدەك، قۇرئان نۇرى ئاستىغا كىرمىگەن ئادەممۇ قۇرئان كەرىمدىن پايدىلىنالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بالىلارنى ھەر كۈنى قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرى ئاستىغا تەڭلەپ تۇرۇش بەك مۇھىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي