2025-يىل 14-يانۋار

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

بالىڭىزنىڭ كۆڭلى سىزگە نېمە دەيدۇ؟

بالىڭىزنىڭ كۆڭلى سىزگە نېمە دەيدۇ؟

دادا، مېنى ئۇرغان ۋاقتىڭىزدا قورقىمەن، خورلىنىش ھېس قىلىمەن ۋە كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ.

دادا، سىز ماڭا ئاچچىقلانغاندا ۋە ماڭا ۋارقىراپ گەپ قىلغاندا، قورقۇپ ۋە چۆچۈپ كېتىمەن.

دادا، مېنى باشقىلارغا چېقىشتۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ياكى مېنىڭ خاتالىقىمنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگىنىڭىزدە غەم – قايغۇ ھېس قىلىمەن.

دادا، مېنى باشقىلارغا سېلىشتۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزۈمنىڭ يارىماس ئىكەنلىكىمنى ۋە ئۆزۈمگە ئىشەنچىمنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىمەن.

دادا، ھەرقېتىم بۇرۇنقى خاتالىقلىرىمنى يۈزۈمگە سالغان ۋاقتىڭىزدا، نومۇس ھېس قىلىمەن.

دادا، مەن سىزنىڭ مېنىڭ ئىشلىرىمنى تەنقىد قىلىشتىن ۋە جازالاشتىن بەكرەك ماختاپ قويۇشىڭىزغا، رىغبەتلەندۈرۈشىڭىزگە ۋە مۇكاپاتلىشىڭىزغا موھتاج بولىمەن.

دادا، كۆڭلۈمنى ۋە تۇيغۇمنى توغرا شەكىلدە ئىپادىلىيەلمەيمەن، ياكى ئىپادىلەشنى بىلمەيمەن. شۇڭا، كۆڭلۈمدىكى تۇيغۇنى ۋە گەپ- سۆزنى قانداق ئىپادىلەشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز.

دادا، مەن خاتالىشىپ قالغاندا سىزنىڭ مېنى دەرھال جازالىشىڭىزغا ئەمەس، بەلكى خاتالىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشكە، قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى چۈشىنىشكە ۋە نېمە ئۈچۈن خاتالاشقانلىقىمنى بىلىشكە ئېھتىياجىم بار.

دادا، سىزنىڭ ماڭا دائىم تەبەسسۇم قىلىپ تۇرۇپ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىشىڭىزگە ئېھتىياجىم بار، پات- پات قۇچاقلاپ، سۆيۈپ قويۇشىڭىزغا قويۇشقا ئېھتىياجىم بار، مېھرىڭىزگە قاندۇرۇشىڭىزغا ئېھتىياجىم بار.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.