كامېرا سۈرەتكە ئالالمايۋاتقان ئەڭ ۋەھشىي ئىرقى قىرغىنچىلىق
مىسىرلىق يازغۇچى ۋە ئاخباراتچى ئۇستاز ھەسەن قىتامىشنىڭ «ئەجدىھا چاڭگىلىدا: خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشى» ناملىق بۇ كىتاب 21- ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىنسانىي، دىنىي، سىياسىي، كىملىك، كۈلتۈر، مېڭە يۇيۇش، باسقۇنچىلىق، ئازابلاش، دىنسىزلاشتۇرۇش، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، قاتتىق باستۇرۇش … جەھەتتىن ئەڭ ۋەھشىي شەكىلدە دۇچ كېلىۋاتقان لېكىن كامېراغا چۈشمەيۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە جىنايەتلەر ھەققىدە توختىلىدۇ.
مەزكۇر كىتاب 300 ئەتراپىدا بولۇپ، مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانى، كوممۇنىستلارنىڭ ھاكىمىيىتى، ئىسلام دۈشمەنلىكى، ئىبادەتلەرنىڭ چەكلىنىشى، ئائىلىگە يەرلەشتۈرۈلگەن خىتايلار تاجاۋۇزچىلار… قاتارلىق كۆپ مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان.


كىتابنىڭ pdf نۇسخىسى: