ئەھل سۈننى مۇسۇلمانلىرى ئۆز ئارىسىدا 90% ئارتۇق مەسىلىلەردە ئورتاق.
5% ئەتراپىدىكى بەزى تارماق قاراشلاردا كۆز قاراشلىرى ھەر خىل.
مۇسۇلمانلارنىڭ دىننىڭ ئاساسلىرى، ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى، پىرىنسىپال مەسىلىلەر، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى، سىياسىي پىرىنسىپلارنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرەلمەسلىك سەۋەبىدىن 5% ئەتراپىدىكى تارماق مەسىلىلەر بىرلىشىشكە، ھەمكارلىشىشقا ۋە بىر نىشانغا قاراپ مېڭىشقا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ.
ھالبۇكى تارماق مەسىلىلەردە كۆز قاراشلارنىڭ تۈرلۈك بولىشى دىنىمىزنىڭ تەقەززاسى، ھاياتنىڭ ۋە رېئاللىقنىڭ تەلىپى ئىدى.
بىراق گۇرۇھۋازلار، مۇتەئەسسىپلەر ۋە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلىرىنى تەشۋىق قىلغۇچىلار پەقەت 5% ئەتراپىدىكى تارماق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەپ، 90 % ئارتۇق مەسىلىلەرنى تاشلاپ قويماقتا.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.