ئىدىيە توقۇنۇشلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
1. مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئەللەر پىكرىي توقۇنۇش ياكى ئىدىيە كۈرىشى ئىچىدە ياشايدۇ. گەرچە بۇ خىل پىكرىي توقۇنۇشلار ئۆزىنىڭ پاسسىپ نەتىجىلىرىنى مىللەتنىڭ ھاياتىدا، ئەخلاقىدا ياكى ئىدىيەسىدە بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى ھاياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئۆز ئىزىنى قالدۇرۇپ ماڭىدۇ.
2. مۇستەملىكىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆزىنىڭ تولۇق كىملىكىنى بىلمەيدىغان ياكى كىملىكىدە پارچىلىنىش يۈز بەرگەن ئەللەردە، پىكرىي توقۇنۇش ياكى ئىدىيە كۈرىشى توختىماي داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. مۇستەملىكە تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئىدىيە كۈرىشى مەيدانىغا كىرگەن ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقان كىشىلەرنى جەمئىيەتتە يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ، شۇنداقلا ھەر خىل ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىستىخبارات غالچىلىرى ئارقىلىق، ئۇلارغا قارشى تۈرلۈك-تۈگىمەس تۆھمەت ۋە قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ تۇرىدۇ.
3. مۇستەملىكە تاجاۋۇزچىلىرى ھەقىقىي كىملىكىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پىكىرلەرنى كەمسىتىشكە ۋە مىللىي نامايەندىلىرىمىزنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە (سەت كۆرسىتىشكە) ئۇرۇنىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ۋە مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي قىممەت قاراشلىرىغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدۇ.
4. مۇستەملىكە كۈچلىرى ئىدىيە توقۇنۇش مەيدانىدا دائىم دېگۈدەك ئىلغار پىكىر بىلەن سىياسىي ھەرىكەت ئارىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. نەتىجىدە، ئىلغار پىكىر ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى يوقىتىپ ئۈنۈمسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، سىياسىي ھەرىكەت بولسا روشەن بىر يۆنىلىش ياكى سىياسىي خەرىتىگە ئىگە بولالمايدۇ.
5. بۈگۈنكى كۈندە ئارىمىزدا بىر پۈتۈن كىملىك، قىممەت قاراش، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت مەسىلىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم پىكرىي (ئىدىيە) توقۇنۇشلارنى دەل مۇستەملىكىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ.
6. مۇستەملىكە تەجرىبىخانىسىنىڭ مىللەتنىڭ كىملىكى، قىممەت قاراشلىرى ۋە مەدەنىيەت چۈشەنچىلىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىشقا، شۇنداقلا رېئاللىقنى ساختا كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ تەجرىبىخانىنىڭ بىزگە ئوخشاش مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان مەھكۇم مىللەتلەرنى ئەقلىي جەھەتتىن، پىكرىي جەھەتتىن، دۆلەتچىلىك ئۇقۇملىرىدىن ۋە ئەخلاقىي قىممەت قاراش نۇقتىسىدىن تۇغماس قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشىمىز لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي