2025-يىل 13-فېۋرال

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئائىلىنى قوغداش ۋە مۇسۇلمانچە ياشاش مۇھىم

ئائىلىنى قوغداش ۋە مۇسۇلمانچە ياشاش مۇھىم

بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى، مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە بالىلارنىڭ ياخشى چوڭ بولۇشىنى ساقلاپ قېلىش قىيىن مەسىلىگە ئايلانماقتا. چۈنكى ئائىلىگە ۋە ئائىلىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ھەرتەرەپتىن دۈشمەنلىك ئېلان قىلىنماقتا.

كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر ئائىلىنى بۇزىدىغان قانۇنلارنى يولغا قويماقتا، تېلېۋىزور ۋە ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئىسلامىي كىملىك ۋە قىممەت قاراشلارنى بۇزماقتا، دىنىمىزدا مۇقەددەس دەپ قارالغان پىرىنسىپلارغا ھۇجۇم قىلماقتا.

بەزى ئەرلەر ۋە بەزى ئاياللار ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى بىلمەي، ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولماقتا.

بىر قىسىم ئەرلەر، بىر قىسىم ئاياللار بىر-بىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلماي، بىربىرىگە كۆيۈنمەي، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشماي دىنىي ئېتىقادىنىڭ سۇسلۇقى، ئىدىيەسى ۋە ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلغانلىقى سەۋەبىدىن ھالال جۈپتى بىلەن قانائەت قىلماي ھارام دەيدىغان پىرىنسىپقا رىئايە قىلماستىن باشقىلارغا قاراپ قالماقتا.

بۇ سەۋەبتىن، غەرب دۇنياسىدا ياشايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئائىلە ئىناقلىقىنى ساقلاپ قېلىش قىيىن بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا، ئائىلىنىڭ ئېتىقادىنى ۋە ئەخلاقىنى قوغداپ قېلىش جىھاد مەسىلىسىگە ئايلانماقتا.

غەرب دۇنياسىدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئاياللار كىملىكى، قىممەت قاراشلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، تايىنى يوق ئىشلار ئۈچۈن ئېرى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە شىكايەت قىلىدىغان، ئىسلامدىكى ئېرىنىڭ ئائىلىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلماي ئېرىگە ئۈستۈنلۈك قىلىدىغان، ھۆكۈمەتتىن ئالىدىغان ئازغىنە پۇلنى دەپ چوڭچىلىق قىلىدىغان، ھالال دائىرىدىن چەتنەپ خالىغانچە ياشاش ئۈچۈن ئائىلىسىنى بۇزىدىغان ۋە ئاياللار ھوقۇقى نامىدا ئىسلامىي ھوقۇقلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە.

ۋەتەندىن ھىجرەت قىلدۇق دەپ چىقىپ ئەقىدىسى، ئەخلاقى، كىملىكى، قىممەت قاراشلىرىنى ساقلاپ، بالىلىرىنى ئەقىدىلىك، ئەخلاقلىق ۋە ئىلىم- مەرىپەتلىك ياخشى تەربىيەلەشنىڭ ئورنىغا غەرب دۇنياسىنىڭ سكۇلارىزىم قىممەت قاراشلىرى ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ ئىدىيەدە، قىممەت قاراشتا، يۈرۈش تۇرۇشتا ۋە ئائىلە مەدەنىيىتىدە ئۇلارنى دوراشقا ھەۋەس قىلسا، بۇ قانداق مۇسۇلماندارچىلىق؟

مۇسۇلمان دېگەن دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشىسا ئەقىدىسى، ئەخلاقى، كىملىكى، قىممەت قاراشلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ ياشاش لازىم. بولمىسا، كىملىكىنى زىيان تارتىدۇ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئاخىرەتلىكىدە تامامەن زىيان تارتىپ كېتىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.