ۋەتەن — ئىنسان ئۈچۈن بەخش ئېتىلگەن بۈيۈك بىر نېمەت. ئىسلام دىنى بولسا ئىنساننى بىر-بىرىگە قۇل بولۇشتىن ئازاد قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كەلگەن بۈيۈك نېمەتتۇر.
دىنىمىزدا ئەقىدە سۆيگۈسى بىلەن ۋەتەن سۆيگۈسى بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ ۋە بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ. بەلكى ئەقىدىمىزنىڭ تەقەززاسى بويىچە، زۇلۇم ۋە مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان ۋەتەننى ھىمايە قىلىش ۋە قوغداش بارلىق ئەر-ئاياللارغا پەرز ھېسابلىنىدۇ.
دېمەك، سەمىمىي مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىسلام ئەقىدىسى — ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئاساسىدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن ھۆرلۈكىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، قەيسەرلىك ۋە پىداكارلىقنىڭ مېۋىسى دەپ قارىغان ھەمدە ئۇنى ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ جېنى بىلەن تەڭداش قىلغان. شۇڭلاشقا، ۋەتەن مۇستەقىللىقىغا سەل قارايدىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىدىغان ياكى قورقۇنچاقلىق قىلىدىغانلارنى «ئۆلۈكلەر» دەپ سۈپەتلىگەن.
ئىمان ۋەتەن ۋە مىللەتنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئازاد قىلىش يولىدا كۈچلۈك ئىرادە، ساغلام ئىدىيە، تىرىك ۋىجدان ھەم ئۈمىدۋارلىق روھى بېغىشلايدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك قورالدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي