2025-يىل 27-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىي ماقالىلىرى

ئاتا-ئانىغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقلىرى

ئاتا-ئانىغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقلىرى

1. ئاتا-ئانىنىڭ سۆزىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىش،

2. ئۇلار گەپ قىلىۋاتقاندا باشقا تەرەپكە قارىۋالماسلىق،

3. ئۇلار گەپ قىلىۋاتقاندا گېپىنى ئۈزۈۋەتمەسلىك،

4. ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلىش،

5. ئۇلارغا يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلماسلىق،

6.ئۇلار بىلەن ئولتۇرغاندا پۇتىنى ئۇزاتماي ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇش،

7. ئۇلارنىڭ بۇيرۇغان ئىشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن قىلىپ بېرىش،

8. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى ئىبادەت دەپ بىلىش،

9. ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئۆزىنىڭ ھەرقانداق شەخسى ئىشلىرىنىڭ ئالدىدا قويۇش،

10. سىرتقا چىقىدىغاندا، ئۇلاردىن رۇخسەت سوراپ چىقىش،

11. ئاتا-ئانا نامازغا چاقىرسا دەرھال ئورنىدىن قوپۇپ نامازغا مېڭىش،

12. ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىدا تېلېفون ئوينىماسلىق،

13. تېلېفوننى كۆپ ئويناپ ئاتا-ئانىنى رەنجىتمەسلىك،

14. ئاتا-ئانىغا گەپ قىلغاندا ئۇيغۇرچە گەپ قىلىش

15. داستىخاندا ئۇلاردىن ئىلگىرى تاماققا قول ئۇزاتماسلىق،

16. ئۆينىڭ تاماق، تازىلىق ۋە باشقا ئىشلىرىنى قىلىشتا ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىش،

17. ئۆزىنىڭ كارۋات، كىيىملىرى ۋە نەرسىلىرىنى رەتلىك قويۇش،

18. ئاتا-ئانىنىڭ قولىدا كۆتۈرىدىغان نەرسە بولسا، ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ كۆتۈرۈش،

19. ئاتا-ئانىغا ئاچچىقلانماسلىق، ياكى قېيدىماسلىق،

20. ئاتا-ئانا بىلەن سىرتقا چىقىدىغاندا، ياكى سىرتتىن بىرگە كىرگەندە ئىشىكنى ئېچىپ تۇرۇش ۋە ئايىغىنى رەتلەپ جايىغا قويۇش،

21. ئاتا-ئانا ھەققىدە خاتالاشقان بولسا كېچىكتۈرمەي ئەپۇ سوراش،

22. ئاتا- ئانا بار يەردە يۈكسەك ئاۋازدا گەپ قىلىپ بىئارام قىلماسلىق،

23. ئۇلارغا گەپ قىلغاندا چىرايلىق سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش،

24. ئۇلارغا ھەرۋاقىت سالامەتچىلىك ۋە خاتىرجەملىك تىلىپ دۇئا قىلىپ تۇرۇش،

25. سىرتتا زۆرۈر ئىش بولمىسا، ئۇلارنى يالغۇز قويماسلىق،

26. ئانىسى ياكى سىڭلىسى سىرتقا چىققاندا، ئۇلارنى قوغداپ بىرگە ھەمراھ بولۇپ چىقىش،

27. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھۇف دەپ ھېرىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارا قىلماسلىق،

28. ئۇلارنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتە چىقارغان كۈچىگە رەھمەت ئېيتىپ تۇرۇش،

29. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان گەپ سۆزلەردىن ساقلىنىش،

30. ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى ھۆرمەتلەش… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.