بەخت ۋە كۆڭۈل راھىتىنىڭ يولى
قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇيدىغان ۋە ئۇنىڭ مەزمۇن- مەقسەتلىرىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدىغان كىشى بەختسىز بولۇپ قالمايدۇ ياكى كۆڭلى سۇنۇق بولمايدۇ، ياكى ئۈمىدسىز بولۇپ قالمايدۇ.
چۈنكى قۇرئان كەرىم ئىماننى ئاشۇرىدۇ، كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ، ئۈمىدۋارلىق ئاتا قىلىدۇ، ھاياتقا راھەت بېغىشلايدۇ، ساۋابنى كۆپەيتىدۇ، زالىملار بىلەن مەزلۇملار كۈرەشلىرى ھەققىدە شەخسىي ياكى ئىجتىمائىي ساھەدە بولسۇن سەۋەب- نەتىجە قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ، گۇناھ ئىشلاردىن توسۇپ قالىدۇ، ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ۋە جەننەتكە كىرىشكە يول ئاچىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، قۇرئان كەرىم ئەڭ ياخشى ئۈلپەتداش،
ھايات سەپىرىدىكى ئەڭ ۋاپالىق ئامانلىق كەمىرى،
كۆڭۈلگە خاتىرجەملىك ۋە راھەت ئاتا قىلغۇچى،
ئىرادە ۋە كۈچ- قۇۋۋەت ئاتا قىلغۇچى،
توغرا يول ۋە ياخشىلىققا ئاساس سالغۇچى،
ئەڭ ياخشى تەربىيەلىگۈچى،
يامانلىق ۋە ئازغۇنلۇقتىن ھىمايە قىلغۇچى،
قىيامەت كۈنىدە شاپائەت قىلغۇچى،
ھاياتتا نىشان ئاتا قىلغۇچى،
توغرا يول خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى قورغان ھېسابلىنىدۇ.
شۇڭا، ھەركۈنى قۇرئان كەرىمنى ئۈزۈلدۈرمەي ئاز بولسىمۇ ئوقۇپ تۇرۇش، ئۇنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ نەتىجە سانىلىدۇ.
ئۇنى ئوقۇماسلىق، ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ۋاقىت ئاجراتماسلىق، ئۇنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنماسلىق ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلماسلىق ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ زىيان سانىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمنى ناماز بامداتتىن كېيىن ئوقۇش، مەكتەپكە كېتىۋېتىپ تېلېفوندىن ئاڭلاش،ماشىنىدا كېتىۋېتىپ ئاڭلاش، كۈندۈزى ئوقۇش، كەچتە ئوقۇش، دۇكاندا ئوقۇش ياكى ئاڭلاش پۇرسەتلىرى ھەرزامان چىقىپ تۇرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇللار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوقۇش يولىدا نەتىجە قازىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى
بالىنى ئۇرۇشقا بولامدۇ؟