2025-يىل 13-فېۋرال

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

فىلىم كۆرگەندە ياكى ئويۇن ئوينىغاندا دىققەت قىلىشقا ئىشلار

فىلىم كۆرگەندە ياكى ئويۇن ئوينىغاندا دىققەت قىلىشقا ئىشلار

بالىلار سېھىرگەرلىككە ئوخشاش بۇزۇق ئەقىدىلەرنى ۋە ناچار ئەخلاقنى تەشۋىق قىلىدىغان، ھايالىق ۋە ئىپپەتلىك بولۇشنى بۇزۇپ تاشلايدىغان كىنولارنى، كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنى ياكى تايىنى يوق لاۋزا پىروگراممىلارنى كۆرىدىغان بولسا، سىز بۇلارنى پەقەتلا كۆڭۈل ئېچىش، ياكى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش، ياكى كاللىسىنى ئارام ئالدۇرۇش دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

بۇ خىل تۈردىكى كىنولارنى، فىلىملەرنى، كۆرۈنۈشلەرنى ۋە پىروگراممىلارنى ئىشلەپ چىقارغۇچىلار نۇرغۇن پۇلنى سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلەپ چىقارمايدۇ. بەلكى سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ ئەقلىنى، ئىدىيەسىنى، تەسەۋۋۇرلىرىنى ۋە ئارزۇلىرىنى باشقىچە كىملىك ۋە قىممەت قاراش ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەپ چىقىدۇ. بالىلار بۇ خىل تۈردىكى فىلىملەرنى كۆرگەندە تەسىرلەنمەي قالمايدۇ.

قارايدىغان بولسىڭىز بەزى ئوغۇل بالىلارنىڭ چاچ ياسىتىش پوسۇنى غەلىتە بولۇپ، چېچىنى سېرىق ۋە قىزىل بويۇتىۋالغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. كىيىم كېچەكلىرىگە قارىسىڭىز كىملىكىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تاغاردەك كىيىملەرنى كىيىۋالغانلىقىنى، قىزلارنىڭ بولسا بەدىنىنى سۈپەتلەپ قويغۇدەك دەرىجىدە ئىنتايىن تار كىيىملەرنى كىيىۋالغانلىقىنى، بەزى ئوغۇل بالىلارنىڭ قىزلارنى دوراپ لاۋزىلىشىپ قۇلىقىغا ھالقا تاقىۋالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ…

ھالبۇكى، ياشلار بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى مەدەنىيلەشكەنلىك دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ تور دۇنياسىدىن ۋە ھەرخىل فىلىملەردىكى كۆرۈنۈشلەردىن تەسىرلەنگەنلىك بولۇپ، كىملىك، قىممەت قاراش ۋە مەدەنىيەتنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

دېمەك، بۇ خىل تۈردىكى فىلىملەر بالىلاردا توغرا يولدا مېڭىش ئۇقۇمىنى، قەلبنىڭ پاكلىقىنى، ئەخلاقىنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ۋە يۈكسەك غايىسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايدىغان خەتەرلىك ئامىللاردىن ئىبارەت.

شۇڭا، بالىلارنىڭ تېلېۋىزوردا، ياكى تېلېفوندا، ياكى ئىنتېرنېتتا كۆرۈۋاتقان نەرسىلىرىگە دىققەت قىلىش، گۇناھ بولىدىغان ئەخلاقسىز نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ مەسىلىگە سەل قارىغاندا، بالىلارنى بۇ خىل خاتا قىلمىشلارنى سادىر قىلىشتىن ياكى ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن توسقىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن، بالىلارغا ھېكمەت مۇئامىلە قىلىش، ئېغىر بېسىقلىق قىلىش، ئىنتېرنېت قوللىنىش ۋاقتىنى بېكىتىش ۋە نېمىلەرنى كۆرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش، بالىلارغا يېقىن تۇرۇپ دوست بولۇش، ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇش، ئۇلار بىلەن ئارىڭىزدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئىلىم مەرىپەت، ھۈنەر كەسىپ، تىل ئۆگىنىش ۋە باشقا پايدىلىق ئىشلار ئارقىلىق مەشغۇل قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل تۈردىكى ئازدۇرغۇچى ۋە بۇزغۇنچى ئىشلاردىن ھىمايە قىلغىلى بولىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي