ئىسلام قانۇنىدا زىنا جىنايىتى قانداق ئىسپاتلىنىدۇ؟
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ جانلىرى، ئېتىقادى، ئەقلى، ئىززەت ئابرۇيى، مال مۈلكى، ھۆرلۈكى ۋە ئادالەتتىن ئىبارەت ئىنسان ھاياتىدا بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر مەقسەتلەرنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن، يۇقىرىقى مەقسەتلەرگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى ھارام قىلغان ياكى چەكلىگەن. بۇ مەقسەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنىڭ قاتارىدا، زىنا جىنايىتى بولۇپ، ئىسلامدا ئېغىر جازا بەلگىلەنگەن ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
زىنا جىنايىتى شەخسنىڭ ئېتىقادى ۋە ئەخلاقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، ئىززەت ئابرۇيىنى چۈشۈرۈۋېتىدىغان، ئائىلىنى بۇزۇۋېتىدىغان، جەمئىيەتنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە ئامانلىقىغا تەھدىت سالىدىغان، جەمئىيەتتە ئۆزئارا ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىككە سەۋەب بولىدىغان… قەبىھ قىلمىش بولغانلىقى ئۈچۈن ھارام قىلىنغان ۋە ھالاك قىلغۇچى ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ سۈپەتلەنگەن.
ئىسلام دىنى زىنانى ھارام قىلغاندا، ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرۇپ قويىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى ياكى سەۋەب بولىدىغان بارلىق ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىمۇ ھارام قىلغان. بۇ سەۋەبتىن، قۇرئان كەرىم زىناغا يېقىنلاشتۇرۇپ قويىدىغان بارلىق يوللارنى تولۇق توسۇۋېتىش ئۈچۈن زىنا قىلماڭلار دەپ توسماي، زىناغا يېقىنلىشىپ قالماڭلار دەپ توسقان: «وَلَا تَقْرَبُوا۟ ٱلزِّنَىٰٓ ۖ إِنَّهُۥ كَانَ فَـٰحِشَةً وَسَآءَ سَبِيلًا»، «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر» دېگەن (ئىسرا سۈرىسى، 32- ئايەت).
زىنا جىنايىتى زىنا قىلغۇچىلارغا ۋە جەمئىيەتكە ھەرقايسى جەھەتتىن تەسىر يەتكۈزىدىغان خەتەرلىك مەسىلە بولغانلىقىدىن، ئىسلام قانۇنى بۇ جىنايەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئېغىر شەرتلەرنى بەلگىلىگەن، قاتتىق ئېھتىيات يولىنى تۇتقان ۋە ئاسان تېپىلمايدىغان ئىنچىكە شەرتلەرنى بېكىتكەن.
ئىسلام قانۇنى زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا قاتتىق چىڭ تۇرۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالمىغان، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈن قاتمۇ- قات بىخەتەرلىك رېشاتكىلىرىنى يولغا قويغان. پاك كىشىلەرنى زىنا بىلەن قارىلاشنى ئېغىر گۇناھ دەپ كۆرسەتكەن ۋە تۆھمەت قىلغانلارغا 80 دەررە ئۇرۇش جازاسىنى بېكىتكەن.
ئىسلام قانۇنىغا قارايدىغان بولساق، كۆپلىگەن گۇناھلار ياكى جىنايەتلەردە ئىككى گۇۋاھچى بولسا يېتىدۇ، لېكىن زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا ئادىل تۆت ئەركەك گۇۋاھچىنىڭ بولۇشى شەرت قىلىنغان. ئىسلام ئىنسانلارنىڭ قانلىرى ۋە ئابرۇيلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا ئالدىراپ تېپىلمايدىغان ئىنچىكە شەرتلەرنى بېكىتكەن ھەمدە زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا شەك ياكى ئېھتىماللىق قوبۇل قىلمايدىغان مۇئەييەن بەزى ۋاسىتىلەرگە تايانغان. ئىسلام قانۇنى زىنا (جىنسى ئەزا بىلەن قىلىنغان) جىنايىتىنى ئىسپاتلاش مەسىلىسىدە ئىككى تۈرلۈك ئۇسۇلغا تايانغان:
1. زىنا قىلغۇچىنىڭ كەسكىن ئېتىراپ قىلىشى،
2. ياكى تۆت كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى تېپىلىشى شەرت.
گۇۋاھچىلاردا مۇسۇلمان بولۇش، تۆت ئەركەك بولۇش، ئادىل بولۇش، جىنسى زىنا قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن ئېنىق كۆرگەن بولۇش ۋە بىر سورۇندا گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك شەرتنىڭ تېپىلىشى لازىم.
گۇۋاھچىلار قازى ئالدىدا كەسكىن گۇۋاھلىق بېرەلىسە، مەھكىمە دەلىل- پاكىتلارنى تەكشۈرۈپ، دەلىل- پاكىتلار يېتەرلىك بولسا ھەم شۈبھىدىن خالىي بولسا، ئاندىن جازا مەھكىمە تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. شەخسلەرنىڭ بۇ خىل تۈردىكى شەرئى جازالارنى ئىجرا قىلىشقا ئارىلىشىش ھەققى بولمايدۇ.
قۇرئان كەرىم زىنا جىنايىتىنى دەلىل پاكىت بىلەن ئىسپاتلاش مەسىلىسىدە: ﴿وَالَّذِينَ يَرْمُونَ الْمُحْصَنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَأْتُوا بِأَرْبَعَةِ شُهَدَاءَ فَاجْلِدُوهُمْ ثَمَانِينَ جَلْدَةً وَلَا تَقْبَلُوا لَهُمْ شَهَادَةً أَبَدًا، وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ﴾، «ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، ئاندىن (بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئادالەتلىك) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى سەكسەن دەررە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار. ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر» دەيدۇ (نۇر سۈرىسى، 4 – ئايەت).
بۇ ئايەت زىنانى ئىسپاتلىيالمىسا دېمىدى، بەلكى شەرت قىلىپ تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىسە دەۋاتىدۇ. شۇڭا، بىر ئايالنى زىنا بىلەن قارىلاشتا تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈش لازىم، گۇۋاھچىنى تولۇق كەلتۈرەلمىسە، ئۆزلىرى 80 دەررە يەيدۇ.
قۇرئان كەرىم زىنانى ئىسپاتلاش مەسىلىسىدە، ئېرى ئايالىنىڭ زىنا قىلىۋاتقانلىقىنى نەخ مەيداندا كۆرگەن بولسا، زىنا بولۇۋاتقان ھالىتىدە بۇ ئىشقا ئۆزىدىن باشقا گۇۋاھچىسى بولمىسا، ئايالىنى چالما كېسەك قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆيگە سولاپ قويۇپ تۇرۇپ قوشنىلىرىنى چاقىرىپ ئىسپاتلاشقىمۇ يول قويمىغان، بەلكى بىر-بىرىگە لەنەت ئېيتىشىپ ئاجرىشىپ كېتىش يولىنى بېكىتكەن: ﴿وَالَّذِينَ يَرْمُونَ أَزْوَاجَهُمْ وَلَمْ يَكُنْ لَهُمْ شُهَدَاءُ إِلَّا أَنْفُسُهُمْ فَشَهَادَةُ أَحَدِهِمْ أَرْبَعُ شَهَادَاتٍ بِاللَّهِۙ إِنَّهُ لَمِنَ الصَّادِقِينَ. وَالْخَامِسَةُ أَنَّ لَعْنَتَ اللَّهِ عَلَيْهِ إِنْ كَانَ مِنَ الْكَاذِبِينَ﴾»، «ئاياللىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزىدىن باشقا گۇۋاھچىلىرى بولمىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ھەربىرى (سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ۋە ئۆزىدىن تۆھمەتنىڭ جازاسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن) ئۆزىنىڭ راستچىللاردىن ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىمىدا: «ئەگەر مەن يالغانچىلاردىن بولسام، ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» دەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن» (نۇر سۈرىسى، 7 – ئايەت).
زىنا بىلەن قارىلانغان ئايال مەن گۇناھسىز دەپ قەسەم ئىچسە جازا ئەمەلدىن قالىدۇ، يالغانچى بولسا جازاسىنى قىيامەت كۈنى ئىلاھىي ئادالەت مەھكىمىسىدە تارتىدۇ. ئايال زىنا قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ قەسەم قىلغاندىن كېيىن ئەرنىڭ ئۇ ئايال ھەققىدە يامان گەپ قىلىپ يۈرۈش ھەققى بولمايدۇ.
ئاللاھ بۇ توغرىدا: ﴿وَيَدْرَأُ عَنْهَا الْعَذَابَ أَنْ تَشْهَدَ أَرْبَعَ شَهَادَاتٍ بِاللَّهِۙ إِنَّهُ لَمِنَ الْكَاذِبِينَ. وَالْخَامِسَةَ أَنَّ غَضَبَ اللَّهِ عَلَيْهَا إِنْ كَانَ مِنَ الصَّادِقِينَ﴾» «ئايالنىڭ ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىمىدا، «ئەگەر ئۇ راستچىللاردىن بولسا، ماڭا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولسۇن» دەپ ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىشى (ئۇنىڭدىن زىنانىڭ) جازاسىنى توسۇپ قالىدۇ» (نۇر، 9).
ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تولۇق بىلگۈچى ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ھۆرمىتىنى، ئائىلىنىڭ پاكلىقىنى، بالىلارنىڭ نەسەبلىرىنى قوغداش ۋە ئىنسانلار ئارىسىدا رەزىللىكنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئادەتتە ئاسان تېپىلمايدىغان گۇۋاھچىلارنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلغان.
زامانىمىزغا قارايدىغان بولساق ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇ، تېلېفون، كامېرا ۋە ۋىدىيوغا ئوخشاش يېڭى زاماننىڭ تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى قاتىللىق، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، پارىخورلۇق ۋە قاتناش قانۇنسىزلىقى… دېگەندەك كۆپلىگەن جىنايەتلەرنى ئىسپاتلاشقا ياردەم بەرگەنلىكىدە شەك يوق.
شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىنى ياخشى بىلىدىغان، يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىدىغان، رېئاللىقنى ئېتىبارغا ئالىدىغان ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ نەزىرىدە يېڭى تېخنىكا ۋاسىتىلىرى زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشقا يارامدۇ ياكى يارىمامدۇ؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە بىر ئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر نەرسىنى توغرا تەسەۋۋۇر قىلىش، چۈشىنىش ۋە دەلىللەرنى تەھلىل قىلىش شەرئى ھۆكۈمنى بايان قىلىشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
ئەپسۇسكى، شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىدىن تولۇق خەۋىرى بولمىغان بەزى كىشىلەر شەرىئەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىززەت- ئابرۇيىنى قوغداشقا بۇيرۇغانلىقىغا قىلچە پەرۋا قىلماي، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى يېزىشما ۋە سۈرەتلەرگە تايىنىپلا زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشقا، ئۆزلىرىنى قازى چاغلاپ جاۋابكارنى زىنا قىلدى دەپ كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىشقا، جىنسى زىنا بىلەن زىناغا يېقىنلاشتۇرۇپ قويىدىغان ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ پەرقىنى ۋە ھۆكمىنى بىلمەي تۇرۇپ جازا پىچىشقا ئۇرۇنماقتا…
سۈرەت ئارقىلىق زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلىغىلى بولامدۇ؟
بىر كىشى باشقىلار ھەققىدە زىنا قىلدى دەپ دەۋا قىلىپ، ئادىل تۆت كىشىنى گۇۋاھچى سۈپىتىدە كەلتۈرەلمىسە، ياكى جاۋابكارلارنىڭ بىرى زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىسا، پەقەت ئىككى كىشىنىڭ سۈرىتى ئارقىلىق زىنا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولامدۇ؟
بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى مۇنداق:
زىنا مەسىلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىش ھەقىقىي كۆز بىلەن كۆرگەن بولۇشقا تايىنىدۇ. كۆرگۈچىلەر ۋەقەنى قازىغا يەتكۈزىدۇ. قازى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ئەمما زىنا ۋەقەسىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئاۋاز، ياكى سۈرەت مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇلاردا ئۆزگەرتىش، ساختا ياساپ چىقىش، تۇزاق قۇرۇش دېگەندەك ھىيلە مىكىرلەر بولمىغان بولسا، ئىسپاتلاشتا قەرىنە (ئالامەت) بولۇشقا يارايتتى. لېكىن ئاۋاز، ياكى سۈرەتتە يۇقىرىقىدەك ساختىلىق، ئۆزگەرتىش ۋە قىلتاق قۇرۇش ئېھتىماللىقلىرى مەۋجۇت بولغاچقا، سۈرەت ياكى ئاۋاز بىر قانچە نۇقتىدىن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ نەزىرىدە زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا دەلىل بولۇشقا يارىمايدۇ:
1. ئاۋاز ياكى سۈرەت قۇراشتۇرۇلغان ساختا بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە فوتۇشۇپ ياكى سۈنئىي ئەقىل (ياپاي زەكا)… تېخنىكىسىدىن ئاز تولا خەۋىرى بار ئادەم مۇنداق ئىشلارنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ساختىلىق ئېھتىماللىقى ياكى شۈبھە بولغان نەرسىلەر كەسكىن دەلىل بولۇشقا يارىمايدۇ.
2. شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرى ئىنسانلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا ئوخشاش مۇقەددەس دەپ سانىلىدىغان پىرىنسىپال مەسىلىدە خاتالىشىشنى قوبۇل قىلمايدىغان ئېنىق ئىشلار ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.
3. شەرىئەتنىڭ مەقسىتى بىر ئىنساننى ئەيىبلەيدىغانغا ئاشكارا روشەن دەلىل بولمىسا، ئىنسانلارنىڭ ئەيىبنى يېپىشقا چاقىرىدۇ. شۇڭا، زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا ئاسان تېپىلمايدىغان ئادىل ئەركەك تۆت گۇۋاھچىنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلغان ۋە پاك كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلاشتىن ئاگاھلاندۇرغان.
بۇ سەۋەبتىن، سۈرەت تۆت گۇۋاھچىنىڭ ئورنىدا ئەمەس، ھەتتا ئۈچ گۇۋاھى بولۇپ، تۆتىنچى گۇۋاھچىنىڭ ئورنىدا بولۇشقىمۇ يارىمايدۇ، چۈنكى شەرىئەت زىنانى ئىسپاتلاشنىڭ ۋاسىتىسىنى قەيتلىك شەكىلدە بەلگىلەپ قويغان.
زىنا جىنايىتىنى تارتىۋاتقان ۋىدىيو سۈرەتكە قارىغاندا، مەسىلىنى تېخىمۇ ئىنچىكە كۆرسىتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنساننىڭ زىنا جىنايىتىنى ساختا ياساپ چىقىش ۋە ئۆزگەرتىش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا بۇ مەسىلىدە ئىسپاتقا يارىمايدۇ. بۈگۈنكى زاماندا بىر قىسىم يېڭى پىروگراممىلار ئاۋاز ۋە سۈرەتلەرنى قۇراشتۇرۇپ ساختا ياساپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى ئىسپاتلىماقتا.
بۇ سەۋەبتىن، ۋىدىيودىمۇ شۈبھە ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن بىر گۇۋاھچىنىڭ ئورنىدا ئىسپات بولۇشقا يارىمايدۇ. تۆت گۇۋاھچى تولۇق بولماي ئۈچ گۇۋاھچى سۈرەت ياكى ۋىدىيونى كۆتۈرۈپ كەلسە، ئۇلار ئىسلام قانۇنىدا تۆھمەتچى سانىلىدۇ ۋە جازاغا لايىق بولىدۇ.
ۋاتىساپ، سىناپ چاتقا ئوخشاش پىروگراممىلاردا زىنا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەرسە تېپىلسا، دەلىل بولالامدۇ؟
ۋاتىساپ، سىناپ چات (Snapchat)…قا ئوخشاش پاراڭلىشىش پىروگراممىلىرىدا زىنا قىلغانلىقىغا ئالاقىدار يېزىشمىلار بولسا، زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا دەلىل بولالامدۇ؟
بۇ خىل تۈردىكى پىروگراممىلاردا يېزىشقان گەپلەر ۋە ئاۋازلارغا تاينىپ زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاش بىرقانچە تۈرلۈك سەۋەبلەردىن توغرا بولمايدۇ:
1. ئالىملارنىڭ بايان قىلىشىچە، شەخسنىڭ زىنا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى ھاكىم ياكى قازىنىڭ ئالدىدا بولۇشى لازىم.
2. ۋاتىساپ ۋە سىناپ چات پىروگراممىلىرىدا زىنا توغرۇلۇق يازما نەرسىلەرنىڭ تېپىلىشى، ئويۇن بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىدىن خالىي ئەمەس.
3. ۋاتىساپ، سىناپ چات پىروگراممىسىدىكى ئاۋازلىق، خەتلىك، ياكى ۋىدىيولۇق زىنا ئالاقىدار نەرسىلەر ساختا بولۇش ئېھتىماللىقىدىن خالىي ئەمەس.
خۇلاسە شۇكى، ئاۋازلىق، خەتلىك، سۈرەتلىك، ۋىدىيولۇق، ۋاتىساپ، سىناپ چات ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ۋاسىتىلەر زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا دەلىل ئورنىدا تۇرالمايدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەر بىرسىدە ئۆزگەرتىش، ساختا ياساپ چىقىش ۋە قىلتاق قۇرۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. دەلىلدە ئېھتىماللىق بولۇپ قالسا، ئىسلام قانۇنىدا دەلىل كۆرسىتىشكە يارىمايدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاسىتىلەر ئالامەت، ئىشارەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ، لېكىن دەلىل سۈپىتىدە تايىنىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئۆزگەرتىش، ئوينىشىش، ساختا ياساپ چىقىشتىن تولۇق ھىمايە قىلىش ئامىللىرى تېپىلسا ئۇ ئايرىم مەسىلە. چۈنكى شەرئى جازالار ئىنسانلارنىڭ قانلىرى، ئابرۇيلىرى ۋە ماللىرىنى قوغداش ئۈچۈن خاتالىق ئېھتىماللىقى يوق بولغان ئېنىق ئىشلار ئۈستىدە بېكىتىلىدۇ.
بۇ ۋاسىتىلەر زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشقا يارىمىغان بىلەن ئىگىلىرىگە كۆرسىتىپ ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا، ياكى خاتالىقىنى تونۇتۇشقا، ياكى ۋىجدان ئازابى ھېس قىلدۇرۇپ قورقۇتۇشقا يارايدۇ. خاتالىقىنى تونۇغان، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورققان ۋە ۋىجدان ئازابى ھېس قىلغانلار گاچىلىشىپ ئېتىراپ قىلىپ سېلىشى مۇمكىن.
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى:
1) زىنا جىنايىتىگە ئالاقىدار سۈرەت ۋە ۋىدىيولارنى جەمئىيەتكە يېيىش چوڭ گۇناھ ۋە جەمئىيەتتە خاتا ئىشلارنىڭ تارقىلىشىغا ھەسسە قوشقانلىق: «مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شەكسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قىينىغۇچى ئازابقا قالىدۇ» (نۇر سۈرىسى،19-ئايەت).
2) زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا يېڭى ۋاسىتىلەرگە تايانماسلىق دېگەنلىكتىن كىشىلەرگە خالىغان گۇناھنى قىلىش ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەنلىك دېگەن ئۇقۇم چىقمايدۇ. دۆلەت بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا دەلىلنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبتىن شەرئى جازا بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، پاھىشە، بۇزۇقچىلىق ۋە ئەخلاقسىزلىققا ئوخشاش ئىشلارنىڭ جەمئىيەتتە تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەدەپلەش جازاسى بېرىشى لازىم.
3) قازى يېڭى ۋاسىتىلەر ئارقىلىق زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاش مەسىلىسىدە، ئىسپاتلاشتىن ئىنكار قىلىش تەرىپىنى كۈچلەندۈرۈشى لازىم. يېڭى ۋاسىتىلەر ئېتىراپ قىلدۇرۇشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئالامەتنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ، لېكىن شەرىئەت كەسكىن تۇرغان بۇ تېمىدا ئىسپات بولۇشقا يارىمايدۇ.
ئەسكەرتىش:
مەن ئىسلام پىكرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇستەقىل بىر شەخس بولۇپ، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىمۇ ئەمەس، ياكى قۇرۇلتاينىڭ ئەزاسىمۇ ئەمەس. بۇ ماقالىنى ئىسلام قانۇنى نۇقتىئىنەزەرىدىن ئوقۇلۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ماقالىنىڭ بىرسىنى ئاقلاش ياكى قارىلاش بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق.
مەن، بىر يىل ئىچىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىككى قېتىم چوڭ ئىككى سىياسىي تەشكىلاتنىڭ (قۇرۇلتاي ۋە مائارىپىنىڭ) سابىق رەئىسلىرى ھەققىدە ئىستىلى دەۋا يۈز بېرىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى پەرىشان قىلغان، جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقى قىممەت قاراشلىرىنى ئىگىز پەس قىلغان، مەھكىمە ئارقىلىق ھەل بولۇپ تۈگەيدىغان شەخسىي ئىشنى كوللېكتىپ مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ جەمئىيەتنى ئاۋارە قىلغان، سىياسىي كۈرەشكە ئېغىر زىيان سالغان ۋە سىياسىي كۈرەشنى ئارقىغا چېكىندۈرگەن بۇ مەسىلىدە ئىسلام قانۇنىنىڭ كۆزقارىشىنى بايان قىلىشقا تىرىشتىم.
بەلكىم بۇندىن كېيىن مۇنداق ئىستىلى مەسىلىلەر يۈز بەرمەس، ئاللاھ ساقلىسۇن. ناۋادا يۈز بېرىپ قالسا، بۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا بۇ ماقالىنىڭ پايدىسى بولۇپ قالار. چۈنكى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئاۋاز، سۈرەت قۇراشتۇرۇش، ساختا ياساپ چىقىش ئارقىلىق سىياسىي كۈرەش ساھەسىدىكى كىشىلەرگە قىلتاق ۋە تۇزاق قۇرۇش ئويۇنلىرى ئاسانلىشىپ كەتتى، ئىستىخبارات ئويۇنلىرى قوللىنىدىغان بۇ ناچار قىلمىشنىڭ يېڭىدىن مەيدانغا چىقىشىنى يىراق سانىغىلى بولمايدۇ.
شۇڭا، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ -بولۇپمۇ سىياسىي تەشكىلات رەئىسلىرىنىڭ- قەلبىنى پاكلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئىستىلى ئىللەتلەردىن ساقلىنىشى، گۇناھلارغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن شۇبھىلىك ئورۇنلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى، ئىستىلى ئىللەت سەۋەبىدىن دۈشمەنگە چۇلۋۇرىنى تۇتقۇزۇپ قويماسلىقى، شەخسىي خۇسۇمەت، مەنمەنچىلىك، پۇرسەتپەرەسلىك ياكى گۇرۇھ مەنپەئەتىنى دەپ قېرىنداشلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ يۈزىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ سىياسىي كۈرەشنى ئاجىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشىغا باھانە بولۇپ بەرمەسلىكى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش سەزگۈر مەسىلىگە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئېھتىياتچانلىق ۋە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىم.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ھەققىدە قايمۇقۇشقا دۇچ كەلدى. بۇ خىلدىكى مەسىلە مەسىلە گۇناھمۇ دېسە گۇناھ ۋە ئەخلاقسىزلىق. لېكىن مەسىلىنىڭ مەھكىمە ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپ ئارىسىدا شەخسى شەكىلدە ھەل قىلىنىپ تۈگىمەي، بۇ قەدەر چوڭىيىپ كېتىشى نېمە ئۈچۈن؟ كىمنىڭ پايدىسى ئۈچۈن؟
ھەر ئىككى مەسىلىدە ئىشنىڭ پەردە ئارقىسىدا كىملەر رول ئويناۋاتىدۇ؟ قايسى ئىستىخبارات ئويۇن ئويناۋاتىدۇ؟…دېگەن سوئال مېنىڭچە جاۋابقا موھتاج.
ماقالىنىڭ pdf نۇسخىسى: