ئادالەتپەرۋەرلىك مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسى
ئادالەت ھاياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي ئۇقۇم بولۇپ، شەرىئەتنىڭ يۈكسەك مەقسىتىدۇر، پىرىنسىپال قائىدىسىدۇر ۋە ئىنسان ھوقۇقىنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقلىرىدىن بىرىدۇر.
ئۇ دۆلەت ۋە سىياسىي تۈزۈمنىڭ تۈۋرۈكىدۇر، جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلىدۇر، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىدۇر.
ئادالەت ئىنسانلار ئارىسىدا ھۆكۈمدارلىق قىلىش ۋە ئادالەتنى تەتبىقلاشنىڭ ئاساسىدۇر. ئادالەت ھەرقانداق جەمئىيەتتە تەتبىقلىنىشى زۆرۈر بولغان ئومۇمىي قائىدە بولغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر ئىش، ھەرقانداق بىر نەرسە ۋە ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەت ئۈچۈن ئۆلچەم قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئادالەت ئىسلام نەزىرىدە پەقەتلا ھوقۇق مەسىلىسى ھېسابلانماستىن، بەلكى ۋاز كېچىلمەس پەرز سانىلىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام مۇسۇلمانلارنى ھەرقانداق ساھەدە ئادىل بولۇشقا، ئادىل گۇۋاھلىق بېرىشكە تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنىڭدەك بىر كىشىگە، ياكى بىر ئېقىمغا، ياكى بىر مىللەتكە بولغان ئۆچمەنلىكى سەۋەبىدىن ئادالەتسىزلىك قىلىشتىن توسىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، زۇلۇم چوڭ بولسۇن، كېچىك بولسۇن، كىمدىن، قايسى مىللەتتىن ۋە قايسى شەخستىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قوبۇل قىلىنمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى يوقىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.