
ئادەم تىللايدىغان كېسەلدىن قۇتۇلايلى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىقتۇر» دەيدۇ (ئىمام بۇخارى بايانى).
ھەرقانداق زاماندا مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىق بولسا، يامان كۆرۈش، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىش، ئۇزۇن مەزگىل ئاداۋەت تۇتۇش، ئىچى يامانلىق قىلىش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش، ئابرۇيىغا تىل تەگكۈزۈش، ئىززەت-شەرىپىنى تۆكۈش، مەسخىرە قىلىش، چوڭچىلىق قىلىش… قاتارلىق قىلمىشلار پاسىقلىقتۇر، ئېغىر گۇناھتۇر ۋە مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىغا زىت بولغان ناچار ئىللەتتۇر.
بۇ يەردە شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، بىر مۇسۇلماننى تىللاش ياكى ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە تىل تەگكۈزۈش نوچىلىق ئەمەس، بەلكى ئىماننىڭ ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكنىڭ، قەلبنى قارا بېسىپ كەتكەنلىكنىڭ، ئىدىيەسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ، ئەخلاقنىڭ چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. مانا بۇلار پاسىقلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر.
شۇڭا، ئىماننى كۈچەيتىدىغان، قەلبنى پاكلايدىغان، ئەخلاقنى تۈزىتىدىغان، ئىدىيەنى ئىسلاھ قىلىدىغان رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقانداق ساھەدىكى گەپ-سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتتە مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىغا ياراشمايدىغان گەپ-سۆزلەردىن، ناچار قىلمىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇئامىلىدە ئىسلامى قېرىنداشلىق روھىنى نامايان قىلىش، بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلىش، كەڭ قورساق بولۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىش، ياخشى ئىشلارغا قىزىقتۇرۇپ يامان ئىشلاردىن توسۇش… روزىنىڭ بۈيۈك مەقسەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر.
چۈنكى پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «رامىزان قالقاندۇر. كىم روزا تۇتقان بولسا بۇزۇق گەپ- سۆزلەرنى قىلمىسۇن، گۇناھ بولىدىغان سۆزلەرنى ۋە ئىشلارنى قىلمىسۇن. ئەگەر بىرەر كىشى بىلەن خاپۇلىشىپ قالغان بولسا ياكى تىل ھاقارەت قىلغان بولسا، مەن روزىدار دەپ ناچار گەپ – سۆزلەردىن ساقلىنىش ئارقىلىق روزىنىڭ قالقان ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارمىسۇن» دەيدۇ (ئىمام بۇخارى بايانى).
پەيغەمبەرىمىزنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن كىم رامىزاندا، ياكى رامىزان ئېيىنىڭ سىرتىدا روزىنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالماسلىقى ۋە مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر مۇسۇلمانغا تىل ھاقارەت قىلىدىغان، بىر مۇسۇلماننى تىللايدىغان، بىر مۇسۇلماننىڭ ئابرۇيىغا تىل تەگكۈزىدىغان ياكى ئۇنىڭغا مەنىۋى جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىدىغان قەبىھ قىلمىشلاردىن ساقلىنىشى لازىم. بولمىسا، ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى پايدىسىز روزا بولۇپ بىكارغا كېتىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.