
قەدىر كېچىسى شاپائەت قىلالمايدىغان كىشىلەر كىملەر؟
(د.مۇھەممەد ئەيياش )
1. خەلقى، جەمئىيىتى، مىللىتى ۋە ئۈممىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىماستىن مەنسەپنى بايلىق توپلاش ۋە ئابرۇي قازىنىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان چىرىك ھۆكۈمدارلار ياكى چىرىك ئەمەلدارلار.
2. يامانلىق، ئازغۇنلۇق ۋە خاتا يوللارغا بۇرۇلۇپ كېتىشنى راۋاجلاندۇرىدىغان، ھەقىقەت بىلەن باتىلنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدىغان ھەمدە ئۇ ئىشلارغا ھەمكارلاشقان ياكى رازى بولغان ئالىم، دەۋەتچى، مۇتەپەككۇر ياكى تەشۋىقاتچىلار.
3. ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، قويمىچىلىق، ئارقىغا سوزۇش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق شېرىكىگە خىيانەت قىلغان ۋە ئۈستىدىكى ئامانەتنى يەۋالغان كىشىلەر.
4. بىگۇناھ كىشىلەر ھەققىدە يالغان سۆز، بوھتان ۋە يامان گۇمان تارقىتىدىغان تۆھمەتخورلار، غەيۋەتخورلار ۋە سۇخەنچىلەر.
بۇ تۈردىكى كىشىلەر قەدىر كېچىلىرىدە ۋە ئاخىرقى ئون كۈندە قىيامدا تۇرسىمۇ، بۇلار ھەقىقەتنى كىشىلەرگە بايان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ماددىي ياكى مەنىۋى ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بەرمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ باشقىلار ھەققىدە قىلغان يامان ئىشلىرىنى كەچۈرمەيدۇ.
قۇرئان كەرىم بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ تەۋبە قىلىشىنىڭ شەرتىنى ئېنىق بايان قىلىپ: «سىلەر نېمە ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرۇۋېتىسىلەر ۋە ھەقىقەتنى يوشۇرىسىلەر؟» دەپ ئاگاھلاندۇرغان (ئال ئىمران سۈرىسى، 71 – ئايەت).
يەنە: «بۇ كىتابتا كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كىيىن، بىز نازىل قىلغان روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارنى ئاللاھ رەھمىتىدىن قوغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بارچە مەۋجۇدات لەنەت ئوقۇيدۇ، پەقەت تەۋبە قىلغان، (بۇزغانلىرىنى) تۈزەتكەن ۋە (يوشۇرغانلىرىنى) ئاشكارا بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مەن ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، چۈنكى، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىمەن، ناھايىتى مېھرىبانمەن» (بەقەر سۈرىسى، 159 – ئايەت).
بۇ ئايەتتىكى تەۋبىنىڭ شەرتى بۇزغان ئىشلارنى تۈزىتىش، يوشۇرغان ياكى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىشتۇر.
يەنە: «ئاراڭلاردا بىر – بىرىڭلارغا ئىشىنىپ (ھۆججەت) قەرز بەرگەن بولساڭلار، ئۇ چاغدا قەرز ئالغۇچى ئادەم ئۇنى ئىگىسىگە ۋاقتىدا قايتۇرسۇن، رەببى بولغان ئاللاھتىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمىكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، بىلسۇنكى، ئۇنىڭ دىلى گۇناھكاردۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر» (بەقەر سۈرىسى، 283 – ئايەت).
ئاللاھ ئەقىللىق ئىنساننىمۇ توغرا يولدىن بۇرۇۋېتىدىغان ئەڭ خەتەرلىك سەۋەبلەرنىڭ بىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان: «سىلەر پەقەت ئاراڭلاردىكى دۇنيا ھاياتىغا خاس دوستلۇقنى دەپلا ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بىر – بىرىڭلارنى تونۇماس بولۇۋالىسىلەر، بىر – بىرىلىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر، سىلەرنىڭ بارىدىغان يېرىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ» (ئەنكەبۇت سۈرىسى، 25- ئايەت). ناھەق ئىشلارنى قوللاش ياكى ناھەقچىلىككە سۈكۈت قىلىش تۇغقانلار، دوستلار ۋە مەنپەئەت شېرىكلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىلىنىشى مۇمكىن.
بۇ سەۋەبتىن، كىم يۇقىرىقى تۆت تۈرلۈك كىشىلەردىن بولۇپ قالسا، بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە قىيامدا تۇرۇشنى قويۇپ تۇرۇپ، گەدىنىدىكى قەرزنى ئادا قىلغاي، ئاندىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ يىغلىغاي. بەلكىم شۇنداق قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنداق قىلمىسا، ئۇ كىشى ئۆزىنى ئالدىغان بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.