
قەدىر كېچىسى
قەدىر كېچىسى قۇرئان كەرىم نازىل بولغان، پەيغەمبەرلىك ئېلان قىلىنغان، ھايات تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كېچىدۇر. بۇ كېچە ئىسلامنىڭ ھايات پەلسەپىسى ۋە دۇنيا قارىشى ئېلان قىلىنغان كېچىدۇر.
بۇ كېچە باشقا كېچىلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر كېچىدۇر، گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدىغان كېچىدۇر، دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان كېچىدۇر، ئازغىنا ئىشلارغا بۈيۈك ساۋابلار يېزىلىدىغان كېچىدۇر.
بۇ كېچە پۈتۈن بىر ئۆمۈرگە تەڭ كېلىدىغان كېچىدۇر.
بۇ كېچە رىزىق، ئەجەل، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم قاتارلىق ئىشلار تەقدىر قىلىنىدىغان كېچىدۇر.
بۇ كېچە ئۇلۇغلۇقىدىن پەرىشتىلەرمۇ قاتنىشىدىغان كېچىدۇر.
بۇ كېچە رامزاندا ياخشى تەييارلىق قىلالىغان كىشىلەر ئۈچۈن دوزاختىن ئازاد بولىدىغان كېچىدۇر، بۇ كېچە تىنچلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان كېچىدۇر.
بۇ كېچە ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنغان كېچىدۇر.
كىم بۇ كېچىنى غەنىمەت بىلەلىسە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ، كىم بۇ كېچىدىن مەھرۇم قالغان بولسا، پۈتۈن ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي