رامىزان بالىلارنى ئىبادەتكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت
رامىزان ئېيى بالىلارنى بەش ۋاقىت نامازغا، روزىغا، دۇئاغا، قۇرئان ئوقۇش ۋە يادلاشقا، تاراۋى نامىزىغا قاتنىشىشقا، سۈننەت نامازلارنى تولۇق ئادا قىلىشقا ۋە پايدىلىق كىتابلارنى ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت.
رامىزان ئېيى كۆپ تېلېۋىزور كۆرۈش، كۆپ ناخشا ئاڭلاش ۋە ئىنتېرنېتنى توغرا بولمىغان ئىشلارغا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت.
رامىزان ئېيى ھارام نەرسىلەرنى كۆرۈش ۋە ئاڭلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت.
رامىزان ئېيى كۈنلۈكى قۇرئان كەرىم ئوقۇيدىغان، كۆپ دۇئا قىلىدىغان، تاراۋى نامىزىغا سەل قارىمايدىغان، پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ئوقۇپ چىقىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پايدىلىق كىتابلارنى كۆپ ئوقۇيدىغان ياخشى پۇرسەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي