يېگانە ياراتقۇچى ئاللاھ زامان ۋە ماكاننىڭ سىرتىدىكى زاتتۇر
يېگانە ياراتقۇچى ئاللاھ زامان ۋە ماكاننىڭ سىرتىدىكى زاتتۇر، يەنى مەخلۇقلىرىدىن (ئاسمان- زېمىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن) ئايرىم زاتتۇر.
زامان ۋە ماكان ئاللاھنى تەسىرىگە ئالالمايدۇ، تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، چۈنكى زامان بىلەن ماكان مەخلۇقتۇر، ئاللاھ بولسا ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچى، ھەممىنى كونترول قىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر.
كائىناتنى ياراتقان بۇ زات يەككە – يېگانە بولۇپ، ئۇ زاتنىڭ كائىناتنى يارىتىشتا، باشقۇرۇشتا ۋە مەخلۇقلارغا رىزىق بېرىشتە شېرىكى ياكى ياردەمچىسى يوقتۇر. ئۇ زاتنىڭ خوتۇنى يوق، بالىسىمۇ يوق. ئۇ، بالا تاپمىغان ھەم تۇغۇلمىغان زاتتۇر. ئۇ زات ھېچ نەرسىگە موھتاج بولمايدۇ، ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ. ئۇ ئەزەلدىن بار بولغان زاتتۇر، بارچە ئەيىب – نۇقساندىن پاكتۇر، بارلىق كامالەت سۈپەتلىرىگە ئىگىدۇر. ئۇ زات ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ زات يالغۇز ئىبادەت قىلىنىشقا ھەقلىقتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.