سىياسىي كۈرەش مەيدانىدىكى كىشىلەرنى مىجەزنىڭ كېلىش ياكى كېلىشمەسلىكى بىرلەشتۈرەلمەيدۇ، چۈنكى مىجەز ۋە خاراكتېرلەر ھەرخىل بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنى مال – دۇنيا، مەنسەپ ياكى ئۇنۋانمۇ بىرلەشتۈرەلمەيدۇ. چۈنكى مال – دۇنيا، ياكى مەنسەپتىن ئايرىلىپ قالغاندا، ئايرىلىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئۇلارنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان بىردىنبىر توغرا يول بىر پۈتۈن كىملىك ۋە قىممەت قاراشنى ئاساس قىلغان ساغلام ئىدىيە بىرلىكى ياكى مىللەتنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدىغان مۇستەقىللىقنى ئاساس قىلغان سىياسىي ئىدىيە بىرلىكىدۇر.
شۇڭا، سىياسىي كۈرەشتە ساغلام ئىدىيە بىرلىكى ھاسىل قىلىش ۋە بىرلىككە كىلىنگەن سىياسىي ئىدىيەدە مۇستەھكەم تۇرۇش سەپنى بىرلەشتۈرۈش، ھەمكارلىق شەكىللەندۈرۈش ۋە نەتىجە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي