سىياسىي ئەربابلارغا قۇرئاندىن بىر كۆرسەتمە
ئىسلامنىڭ سىياسىي كۆرسەتمىسىدە بېسىم قىلىش، ياكى قورقوتۇش، ياكى دىكتاتۇرلۇق قىلىش ياكى ئىسلامنىڭ ئەدەب – ئەخلاق كۆرسەتمىسىدىن چەتنەپ ناچار ياكى ئەسكى گەپ – سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى قانائەتلەندۈرگىلى ياكى ئەتراپىدا تۇتۇپ تۇرغىلى بولمايدۇ، بەلكى بۇ ئىشنىڭ توغرا يولى كىشىلەرگە سىلىق ۋە گۈزەل مۇئامىلە قىلىش، ياخشى گەپ – سۆز قىلىش، كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە قەلبىنى قانائەتلەندۈرۈشتۇر.
سىياسەتشۇناس ئالىم ئىمام ماۋەردى: «يېتەكچى بولغان ئەمىر سۇلتانلىقىغا تايىنىپ كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى بويسۇندۇرالىغان بىلەن، لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلماي تۇرۇپ بويسۇندۇرالمايدۇ»، دېگەنىكەن.
قۇرئان كەرىم يېتەكچى، سىياسىيون ۋە باشقا مەسئۇللارغا كىشىلەرنىڭ قەلبىنى قانداق ئۇتۇش ھەققىدە كۆرسەتمە بىرىپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلدىڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى. ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن» (ئال ئىمران سۈرىسى، 159- ئايەت).
بۇ ئايەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، مۇئامىلىسى قوپال، ئەخلاقى ناچار، تىلى بەزاپ، گەپ- سۆزلىرى ئوسال بولغان سىياسىيونلار ياكى تەشكىلاتچىلار كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەتراپىدىكى خەلقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، چۈنكى بۇ ئايەتنىڭ ئېنىق بايانىدۇر.
شۇنداقلا سىياسىي پائالىيەتلىرىنى بېسىم قىلىش، ياكى قورقۇتۇش، ياكى مۇستەبىتلىك قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بارماقچى بولغان، ياكى بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كىشىلەرنى ئەتراپىغا توپلىماقچى بولغان ئەمىر ياكى يېتەكچى ياكى سىياسىيونلارمۇ مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي