قەلبنىڭ ماھىيىتى، سۈپەتلىرى، ئەھۋاللىرى ۋە ئىش -ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەر
قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتتە قەلب ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى، ئەھۋاللىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى، بولۇشقا تېگىشلىك ۋە پاكلىنىشقا تېگىشلىك ھالەتلىرى ھەققىدە توختىلىدىغان نۇرغۇن دەلىل – پاكىتلار كەلگەن. بىز تۆۋەندە قەلبنى پاكلاشقا ۋە ئىسلاھ قىلىشقا ھەيدەكچى بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قەلبكە قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، قەلبكە قانداق ئەمەللەرنى باغلىغانلىقىنى، قەلبنى گۈزەل سۈپەتلەر بىلەن خاراكتېرلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇيرۇغان ئىشلارنى ۋە قەلبنىڭ سۈپەتلىنىپ قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان ناچار سۈپەتلەرنى بىلىش ئۈچۈن قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن بىرقانچە دەلىل – پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
قەلب ياكى دىل ئىماننىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ: «ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئىماننى مەھكەم قىلغان» دېگەن[1]. يەنە: «ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى» دېگەن[2].
قەلب ھىدايەتنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ: «كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ» دېگەن[3].
قەلب ھەقىقەت، مايىلچانلىق، سۆيگۈ – مۇھەببەتكە قارىتا ھېسسىياتنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈردى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا چىرايلىق كۆرسەتتى» دېگەن[4].
قەلب يەنە ئازغۇنلۇق، ئەگرىلىك، بۇرۇلۇش ۋە باتىلغا مايىل بولۇشنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر…» دېگەن[5] (يەنى ھىدايەتتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن كىشىلەر). يەنە: «ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى» دېگەن[6] يەنى ئۇلارنىڭ بۇرىلىپ كېتىشىنى ئاشۇرىۋەتتى. يەنە ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ دۇئاسىنى ئەسلىتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن، شۈبھىسىزكى، سەن بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن» دېگەن[7].
قەلب پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە چۈشىنىش ئورنىدۇر. ئاللاھ: «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۈشىنىدىغان دىللارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟» دېگەن[8]. يەنە: «ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ» دېگەن[9].
قەلب ساۋاق ئېلىش ۋە ئەسلەشنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ: «بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلبكە ئىگە ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز – نەسىھەت بار» دېگەن[10].
قەلب ئاللاھنىڭ نەزىرى چۈشىدىغان مۇھىم ئورۇندۇر. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلارغا قارايدۇ» دېگەن[11] .
قەلب ئوي – خىياللارنىڭ ئورنىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «پىتنىلەر قەلبكە بورىنىڭ تاللىرىدەك تەكرار-تەكرار تەڭلىنىپ تۇرىدۇ» دېگەن[12].
قەلب نەپسى خاھىش ۋە شەھۋەتلەرنىڭ ئورنىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «ھەر بىر كىشىنىڭ زىنا قىلىشتىن ئىبارەت نېسىۋىسى بەلگىلىنىپ كەتكەن… كۆڭۈل ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئىشتىھا قىلىدۇ» دېگەن [13]. يەنە بىر رىۋايەتتە: «قەلب ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئىشتىھا قىلىدۇ» دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «قەلبنىڭ زىناسى ئارزۇ قىلىشتۇر» دېگەن[14]. بىرىنچى رىۋايەتتىكى نەپس (كۆڭۈل) قەلب مەنىسىدە كەلگەن، چۈنكى ئۇ شەھۋەت، نەپس خاھىش ۋە ئارزۇنىڭ ئورنىدۇر.
قەلب ئىرادىنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېگەن[15] (يەنى قەلبىڭلار مەقسەت قىلغان ۋە ئىرادە قىلغان بولسا گۇناھكار بولىدۇ).
قەلب شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنىڭ ئورنىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «شەيتان ئىنساننىڭ قان تومۇرىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، مەن سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا يامانلىقنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېگەن[16].
قەلبتە شەيتاننىڭ نېسىۋىسى ئۈچۈن ئورۇن تېپىلىدۇ. سىيرە كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلىنىشىچە، رەسۇلۇللاھنىڭ كىچىك ۋاقتىدا قەلبى يېرىلغان، ئاندىن شەيتاننىڭ نېسىۋىسى رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىدىن ئېلىپ تاشلانغان[17].
قەلبنىڭ تەكلىپ قىلىنغان ۋە ھېسابقا تارتىلىدىغان ئىش – ھەرىكەتلىرى بار. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)» دېگەن[18].
ئىخلاس ياكى سەمىمىيلىك قەلبنىڭ ئىش – ھەرىكىتىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «قىيامەت كۈنى مېنىڭ شاپائىتىمگە ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشى، چىن قەلبىدىن «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دېگەن كىشىدۇر» دېگەن[19]. يەنە «كىم چىن قەلبىدىن، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن[20].
ئاللاھ تەرەپكە قايتىش ۋە تەۋبە قىلىش قەلبنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە…» دېگەن[21].
[1] مۇجادىلە سۈرىسى، 22 – ئايەت.
[2] ھۇجۇرات سۈرىسى، 14 – ئايەت.
[3] تاغابۇن سۈرىسى، 11 – ئايەت.
[4] ھۇجۇرات سۈرىسى، 7 – ئايەت.
[5] ئال ئىمران سۈرىسى، 7 – ئايەت.
[6] سەپ سۈرىسى، 5 – ئايەت.
[7] ئال ئىمران سۈرىسى، 8 – ئايەت.
[8] ھەج سۈرىسى، 46 – ئايەت.
[9] ئەئراف سۈرىسى، 179- ئايەت.
[10] قاف سۈرىسى، 37 – ئايەت.
[11] مۇسلىم رىۋايىتى، 2564 – ھەدىس.
[12] مۇسلىم رىۋايىتى، 144 _ ھەدىس.
[13] بۇخارى رىۋايىتى، 6238 – ھەدىس.
[14] ئىبنى ھىببان رىۋايىتى، 3752 – ھەدىس.
[15] ئەھزاب سۈرىسى، 5 – ئايەت.
[16] بۇخارى رىۋايىتى، 3107 – ھەدىس.
[17] مۇسلىم رىۋايىتى. 162 – ھەدىس.
[18] بەقەر سۈرىسى، 225 – ئايەت.
[19] بۇخارى رىۋايىتى، 99 _ ھەدىس.
[20] ئىبنى ھىببان رىۋايىتى، سەھىھ ھەدىس، 200 – ھەدىس.
[21] قاف سۈرىسى، 33 – ئايەت.

قەلبنى پاكلاش كىتابنى چۈشۈرۈۋېلىڭ