بىزنى خورلۇقتىن قۇتقۇزۇش قۇرئاننىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس
ئەقىل، قەلب، كۆز ۋە قۇلاقلىرىنى توغرا ئىشلەتمىگەن مۇسۇلمانلارنى خورلۇقتىن قۇتقۇزۇش قۇرئان كەرىمنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس.
قۇرئان بىزنى ئىمان، ئەخلاق، ئىبادەت…تىن سىرت ئەقىللىق بولۇشقا، تەپەككۇر قىلىشقا، ئىزدىنىشكە، تارىختىن ساۋاق ئېلىشقا، ئەمەل قىلىشقا، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا ۋە سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرماقتا.
بىز قاچانىكى قۇرئاننىڭ بۇ كۆرسەتمىلىرى ۋە يوليورۇقلىرىغا ئەمەل قىلساق، ئاندىن خورلۇقتىن قۇتۇلالىشىمىز مۇمكىن.
ئەمما بىز قۇرئاننىڭ مەقسەت ۋە ھىدايەتلىرىنى چۈشەنمىسەك، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بىر پۈتۈن بويسۇنمىساق، قۇرئاننى پەقەت ماتەمدە ئوقۇيدىغان ياكى زىننەت شەكلىدە تىزىپ قويۇپ تەۋەررۈك كىتاب سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلساق، قۇرئان بىزدىن خورلۇقنى كۆتۈرۈۋەتمەيدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.