بىز مىللەت ۋە ئاۋام خەلقنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزۇپ يېتەكلەپ ماڭىدىغان تەڭداشسىز پالۋانلار ياكى مەن بولمىسام ئىش ماڭمايدۇ دەپ خىيال قىلىدىغان يېگانە شەخسلەر دەۋرىنىڭ كەتكەنلىكىنى ۋە پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان كىچىك پالۋانلار دەۋرىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك.
شۇڭا، بىز مىللەت ۋە ئاۋام خەلقنىڭ بەزى شەخسىلەرنىڭ پىكرى مۇستەبىتلىكى، ياكى يامان ئىدىيەلىرىگە قۇربان بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن جامائەتچىلىك، تەشكىلاتچىلىق، مۇئەسسەلىشىش ۋە دۆلەتچىلىك نەزەرىيەسىنىڭ نوپۇزىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ھەمدە سىياسىي كۈرەشنى ۋە تەشكىلى ئىشلارنى پىرىنسىپ، تۈزۈم، كېڭەش ۋە تەپتىش ئاساسىدا ئېلىپ بارىدىغان مەدەنىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىشقا موھتاج. چۈنكى تەشكىللىك زۇلۇم قىلىۋاتقان دۈشمەنگە تەشكىللىك ھەرىكەت قىلىشتىن باشقا يول بىلەن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي