جىھاد ۋە ئىنقىلاب ئاتالغۇسى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات
«جىھاد» ئاتالغۇسى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاتالغۇسى بولۇپ، مۇسۇلماننىڭ كىملىكىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئاتالغۇ. بۇ ئاتالغۇ باشقىچە ئىپادىلەش ياكى ئۆزگەرتىش ياكى بۇرمىلاشنى قوبۇل قىلمايدىغان ئىلاھىي ئاتالغۇ.
بۇ ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا «ئىنقىلاب» سۆزىنى قوللىنىش «جىھاد» ئاتالغۇسىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە قىممىتىنى تۆۋەنلىتىشكە سەۋەب بولىدۇ، چۈنكى ئىنقىلاب سۆزى ياخشى مەقسەت ياكى يامان غەرەز ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
«ئىنقىلاب» ئاتالغۇسى ھەقىقەت ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن ياكى باتىل ئۈچۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقلا «ئىنقىلاب» سۆزى جىھاد بولۇشىمۇ مۇمكىن ۋە ياكى بۇزغۇنچىلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئوخشاش. ئۇ ئىنقىلابنى نىشان ۋە مەقسەتلىرىنىڭ توغرىلىقىغا قارىتا جىھاد مەنىسىدە قوللىنىمىز.
غازات سۆزىگە قارايدىغان بولساق ياخشىلىق ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ، شۇنداقلا يامانلىق ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئۇيغۇنلاش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولسا جىھاد مەنىسىدە كېلىدۇ، ئەگەر ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن غازات (ھۇجۇم) قىلىپ كەلگەن بولسا بۇزغۇنچىلىق مەنىسىدە بولىدۇ.
ئەمما «جىھاد» سۆزى ياخشىلىق ئۈچۈنلا ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئۇ ئاتالغۇ ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەتتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى قوغداش ۋە باتىلغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈنلا قوللىنىلىدۇ. ئىسلامدىكى جىھادنىڭ نىشانلىرى دائىم ئېنىق بولىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا قوللىنىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىھاد سۆزى توغرا يولدا ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ مەنىدىكى ئومۇمىي ئاتالغۇ.
«جىھاد» ئاتالغۇسى ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز بولغان بىر ئاتالغۇدۇر، چۈنكى جىھاد ئاتالغۇسى نەپسىنى ئىسلاھ قىلىش، دەۋەت قىلىش، ئىلىم-مەرىپەت ئېلىش، ئىلمىي تەتقىقات، ئىقتىسادى گۈللىنىش، سىياسىي كۈرەش، ھەربىي تاكتىكا ۋە ساغلام ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ.
بۇ ئاتالغۇ مۇسۇلمانغا خاس قوللىنىلىدىغان ئىسلام ئاتالغۇسى، بۇ سۆزىنىڭ ئورنىنى باشقا سۆز تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ.
ئەمما قارشىلىق بىلدۈرۈش، جەڭ قىلىش ۋە ئىنقىلاب دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر جىھاد ئاتالغۇسىنىڭ قىسمەن بىر تەرىپىنى ئىپادىلىسىمۇ، بىراق ئۇ سۆزنىڭ ھەممە مەقسىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ.
دېمەك، جىھاد ئاتالغۇسى بارلىق تۈرلىرى ۋە مەقسەتلىرى ئارقىلىق ئىسلام ھاياتى، ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرى، ئىنسان ھوقۇقلىرى ۋە ۋەتەن-مىللەتنى ھىمايە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىدۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن قارشىلىق بىلدۈرۈش، ئادالەت ئۈچۈن ئىنقىلاب قوزغاش ۋە ئاڭ -سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەتلىرى جىھاد ئاتالغۇسىغا قارشى كەلمەيدۇ. بىراق ھازىرقى شارائىتتا مۇقىملىشىپ بولغان بارىن جىھاد ھەرىكىتىنى «بارىن جىھادى» دېمەي «بارىن ئىنقىلابى» دەپ ئاتاش لازىم ئىدى دەپ تەشۋىق قىلىش، ئىسلام ئاتالغۇسىدىن چېكىنگەنلىكتۇر، مىللەتنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى بىر بىرىدىن ئايرىپ، مىللەت كىملىكىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىقتۇر.
دېمەك، مەقسەتلىك ھالدا «جىھاد» ئاتالغۇسىنى «ئىنقىلاب» دەپ ئاتاش تەشۋىقاتى بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇقۇمىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ ياكى مەقسەتلىك ھالدا ئىسلام پىكىرى ياكى ئىسلام چۈشەنچىلىرىگە قارشى ئىدىيە جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇم ئۇچقۇنلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
2019- 5-ئاپرېل