يەرنىڭ نېمە مەقسەتتە تەۋرەيدىغانلىقىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ؟
ئاللاھ بۇ دۇنيانى قانۇنىيەت ئۈستىدە ياراتقان، لېكىن ئاللاھ ئىنسانلارغا دۇنيانى باشقۇرۇۋاتقان بىر زاتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش، قۇدرىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش، مۇسۇلمانلارنى سىناش، ئىنسانلارنى ئازابىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئەكسىچە يەر تەۋرەش، سەل، ۋولقان، قۇرغاقچىلىق ۋە قاتتىق بوراندەك ئادەتتىن تاشقىرى بەزى ھادىسىلەرنى پەيدا قىلغان.
بۇ يەردە شۇنى ئېنىق دېيىش كېرەككى، يەر تەۋرەشتىكى مەقسەتنىڭ سىناق، ياكى ئازاب، ياكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىكەنلىكى، ياكى باشقا مەقسەت ئىكەنلىكىنى يالغۇز ئاللاھ بىلىدۇ. بىز ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى كەسكىن قىلىپ جەزمىلەشتۈرەلمەيمىز. شۇڭا، بىلەرمەنلىك قىلىپ يەر تەۋرەشنى ئاللاھنىڭ ئازابى، ياكى جازاسى دەپ كېسىپ گەپ قىلىش توغرا ئەمەس.
بۇ تېمىدا ئاللاھنىڭ:«وَمَا نُرْسِلُ بِالْآيَاتِ إِلَّا تَخْوِيفًا» بىز قۇدرەتلىرىمىزنى پەقەتلا ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتۇش ئۈچۈن كۆرسىتىپ تۇرىمىز» (ئىسرا سۈرىسى، 59 – ئايەت) دېگەن ئايىتىگە ئاساسەن كەمچىللىكتىن خالىي بولمايدىغان ھەربىر ئىنساننىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا پۇرسەت بېرىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن رەھمەت سىنىقى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش، ئۈمىدۋار قىلىش، تەسەللىي بېرىش، تەۋبە قىلىشقا چاقىرىش، توغرا يولدا مېڭىشقا تەشەببۇس قىلىش، قۇرئان ۋە مەسچىتكە باغلىنىش، ئۆزئارا بىر-بىرىگە دۇئا قىلىش، بىر-بىرىگە ئامانلىق تىلەش.. يەر تەۋرەشنىڭ تەقەززاسىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي