يەر تەۋرەشكە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟
- بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىش، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئەجىلى توشقان كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق قىلىپمۇ ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئەجىلى توشمىغان كىشىلەرنىڭ ياشايدىغانلىقىغا ئىشىنىش،
- ئۆلۈمنىڭ يېقىنلىقىغا، قىيامەتنىڭ يېقىنلىقىغا، ئىلاھىي ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ چوقۇم قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش،
- ئاللاھنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىش، قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن سىناقتىن ئىبرەت ئېلىپ توغرا يولغا قايتىش ۋە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا ھەرىكەت قىلىش،
- ھەربىر ئىنسان ئۆلۈمگە تەييار ھالەتتە تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى، ئۆزىدىكى كەمچىللىكلەرنى تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلىشى، ئىستىلى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدىكى نۇقسانلارنى تەكشۈرۈپ چىقىشى ھەمدە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى سەۋەب نەتىجە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئۆلچەملىك قىلىشى،
- جەمئىيەتنى جەمئىيەت خاراكتېرلىك بىر تۇتاش ئىسلاھ قىلىشقا ۋە ھەرخىل ئىللەتلەرنى تۈزىتىشكە چاقىرىق قىلىش،
- زىياندىن ياكى خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەۋەب – چارە قىلىشنىڭ تەقدىرگە ئىشىنىشكە زىت كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىش،
- سىناقنىڭ ياخشىلارغا رەھمەت بولىدىغانلىقىنى، ئاسىيلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بولىدىغانلىقىنى ئەسلىتىش،
- تەبىئىي ئاپەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان قىيىنچىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىك، قېرىنداشلىق، ھەمكارلىق ۋە كۆيۈمچانلىق روھىنى قانات يايدۇرۇش،
- قېرىنداشلارغا پۇل ۋە دۇئا بىلەن ھەرخىل شەكىلدە ھېسداشلىق قىلىش لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي