
بالىلار بىلەن دادىنىڭ مۇناسىۋىتى قاچان يىرىكلىشىدۇ
ئەگەر دادا بالىلىرىنى كۆپ تەنقىد قىلسا، ياكى قوپال ئۇسۇلدا گەپ قىلسا، ياكى دائىم دېگۈدەك بۇيرۇق شەكىلدە گەپ قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغان بولسا، دادا بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يىرىكلىشىدۇ ۋە ناچارلىشىدۇ.
بالىلار بىر تېمىنى ئېچىپ بولغۇچە دادىلار ئاخىرغىچە ئاڭلىماي تۇرۇپ تەنقىد قىلىشقا باشلايدىغان بولسا، بالىلار دادىسى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشتىن قاچىدۇ ۋە ئايرىم بىر ياتاققا كىرىۋېلىپ بىر ئىشلارنى قىلغاندەك بولۇۋالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بالىلار دادىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن تەنقىدكە ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ دادىسى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشتىن قېچىشقا ئۇرۇنىدۇ.
دېمەك، تەنقىد كۆپ بولۇپ كەتسە ئۆزئارا پاراڭلىشىش ئازلايدۇ، ئىچ سىقىلىش باشلىنىدۇ ۋە ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يىرىكلىشىدۇ.
كاشكى بالىلار، دادىلىرىنىڭ ئۇلارنى تەنقىد قىلىدىغاندا، ياكى نەسىھەت قىلغاندا، ئۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتىنى ئويلىغانلىقتىن بولىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، ئۇنداق قىلماس ئىدى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.