
بالىلار تەربىيەسى قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟
بالىلار تەربىيەسى كېچىك ۋاقتىدىن باشلىنىپ، ياشلىق باسقۇچىدىن ئۆتۈپ چوڭ بولغاندىمۇ داۋاملىشىدۇ، ئاتا- ئانا بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان كۈنگە قەدەر ئاخىرلىشىپ قالمايدۇ.
قۇرئان كەرىم بەقەر سۈرىسىدە يەقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيە مەسئۇلىيىتىنىڭ تا ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە بالىلىرى بالاغەت يېشىدىن ئۆتۈپ چوڭ بولۇپ بولغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەيغەمبەر بولغانلىرى بار ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەقۇب ئەلەيھىسسالام ئۆلۈپ كېتىدىغان كېسىلىدە بالىلىرىدىن: «مەندىن كېيىن نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سوئال سوراش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاتا يولغا كىرىپ قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە تەۋھىد ئېتىقادىدا مۇستەھكەم تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلغان.
دېمەك، بالىلارغا تەربىيە قىلىش ۋە ئەقىدە روھىنى سىڭدۈرۈش ھەمدە كىملىكىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئەسلىتىش مەسئۇلىيىتى جان چىقىپ بۇ دۇنيادىن خوشلاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.
شۇڭا، بالىلار بالاغەتكە يېتىپ، ياكى 18 ياكى 25 ياشقا كىرىپ، مەن ئەمدى چوڭ بولدۇم، ئۆزۈمنىڭ يولىنى تاپالايمەن، ناماز ئوقۇسام ئۆزۈمگە ئوقۇيمەن، قۇرئان ئوقۇسام ئۆزۈمگە ئوقۇيمەن… مەسئۇلىيىتى ماڭا ھېساب دېگەندەك گەپلەرنى قىلسا، يەنىلا زېرىكمەي چىرايلىق تەربىيە قىلىشتىن، نەسىھەت قىلىشتىن ۋە ئەقىدىنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ۋە تەلەپ تەقەززالىرىنى چۈشەندۈرۈشتىن بوشىشىپ قالماسلىق كېرەك.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.