
بەزى قىزلار نېمە ئۈچۈن توي قىلىشتىن قاچىدۇ؟
توي قىلىش ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى، شەرىئەتنىڭ مەقسىتى، ئىنساننىڭ تەلىپى بولۇپ قىز-ئوغۇللارنىڭ ھالال ئائىلە قۇرۇشىغا، ئىپپەتلىك بولۇشىغا، دىندارلىقى ۋە ئەخلاقىنى قوغداشقا، ئۆزىنى قوغدىشىغا، نەسىل قالدۇرۇشقا، ئىلىم-مەرىپەتلىك بولۇشقا، ياراملىق ئەۋلادلارنى تەربىيەلەپ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشقا ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا بىر-بىرىنى تولۇقلاشقا سەۋەبچى بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتۇر.
توي قىلىش ئىنسانىي، شەرئى، ئىجتىمائىي ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك جەھەتتىن ئېھتىياج بولۇپ، ئىسلامنىڭ، بەدەننىڭ ۋە كۆڭۈلنىڭ تەلىپى بولغانلىقى ئۈچۈن يېشىغا يەتكەن قىز-ئوغۇللار ئۈچۈن توي قىلىشى تەبىئىي بىر ئىش.
توي قىلىش ئىنسان ھاياتىدىكى مۇقەددەس ئالاقە ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئالاقە بولۇپ، قىز – ئوغۇلغا كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، تۇرمۇش راھىتى، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، بىر-بىرىگە مېھىر – مۇھەببەت بېرىش، بىر-بىرىگە يار يۆلەك بولۇش ۋە بىر-بىرىنىڭ ھاياتىنى تولۇقلاش قاتارلىق نۇرغۇن پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
توي قىلىشنىڭ ئىسلامدىكى مەقسەتلىرىنى، تۇرمۇشتىكى ھېكمەتلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي پايدىلىرىنى ھېس قىلالمىغان بەزى قىزلار خاتا مەلۇمات سەۋەبىدىن ئەر-ئاياللىق ئارىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتىن ئەنسىرىشى مۇمكىن، بەزى قىزلار مەسئۇلىيەتتىن ئەنسىرەپ توي قىلىشتىن قېچىشى مۇمكىن، بەزى قىزلار بالا بېقىشنى ئېغىر كۆرۈپ توي قىلىشتىن قېچىشى مۇمكىن، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ئىشلار بولۇپ، ئەنسىرەشنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق.
يەنە بەزى قىزلار ئاچىسىنىڭ، ياكى بىر قىسىم يېقىن دوستلىرىنىڭ تۇرمۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مەغلۇبىيەتلىرى ۋە خاپىلىقلىرىنى ئاڭلىغان بولسا، تۇرمۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماسلىقىدىن ئەنسىرىشى مۇمكىن. بەزى قىزلار تۇرمۇش قۇرۇشنى ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغانلىق ۋە جاپاغا قەدەم باسقانلىق دەپ قارىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە، توي قىلىش ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتى بولۇپ، قىز- ئوغۇل ئۈچۈن خاتىرجەملىك، بەخت-سائادەت ، راھەت، نېمەت، رىزىق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت ئېلىپ كېلىدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، بەزى قىزلارنىڭ توي قىلىشتىن قېچىشنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. قىزنىڭ ئەرلەردىن قورقۇشى، ئەر كىشىنىڭ يېقىنلىشىشىنى قوبۇل قىلالماسلىقى،
2. ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىدىن ئەنسىرەپ پىسخىكا جەھەتتىكى داۋالغۇشتا بولۇپ قېلىشى،
3. ئەر-ئاياللىق ئارىسىدىكى كۆڭۈل مۇناسىۋىتى توغرىسىدا خاتا مەلۇمات ئاڭلاپ سالغانلىقى،
4. توي قىلغاندىن كېيىن بەدىنىنىڭ يالىڭاچ كۆرۈنۈپ قېلىشىدىن خىجىللىق ھېس قىلىشى،
5. قىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ياكى يېقىن دوستلىرىنىڭ تۇرمۇشتىكى مەغلۇبىيەتلىرى،
6. تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالماسلىقىدىن ئەنسىرىشى،
7. قورساق كۆتۈرۈش ۋە تۇغۇشتىن قورقۇشى،
8. قىزنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولماسلىقى ياكى ئەرنى رازى قىلىشقا ئىشەنچىسى بولماسلىقى،
9. قىزنىڭ ئاياللىققا مۇناسىۋەتلىك كېسىلى سەۋەبىدىن،
10. بەزى قىزلارنىڭ ئات ياكى ۋېلىسىپىت مىنىش… سەۋەبلىك قىزلىقىنى يوقىتىپ قويغان بولسا، يۈزىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ئەنسىرىشى،
11. قىزنىڭ باي بولۇشى، ياكى سودا سېتىق دۇنياسى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىقتىسادىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى… قاتارلىق سەۋەبلەر توي قىلىش پىكرىدىن قاچۇرۇپ قويۇشى ياكى توي قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي


أعجبني
تعليق
نسخ
مشاركة