كىرىزىسنىڭ مەنبەسى ئاشقۇنلۇق ياكى پاسسىپلىق ئىدىيەسى
ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز ۋە سىياسىي ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ راۋاج تاپماسلىقى، يىلدىن يىلغا ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىيەلمەسلىكى ۋە ئاساسلىق پىرىنسىپال نۇقتىلار ئاساسىدا بىرلىشەلمەسلىكنىڭ… ئاساسلىق ئامىلى يەنىلا ئوڭچى ئاشقۇنلۇق ۋە سولچى ئاشقۇنلۇق بولماقتا.
بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىدىيەسىدە ئوڭچى ئاشقۇنلۇق قاراشلىرى ئەۋج ئالغان بولسا، يەنە بىرقىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىدىيەسىدە پاسسىپلىق ۋە سولچى ئاشقۇنلۇق قاراشلىرى ئەۋج ئالماقتا.
ئىسلامنىڭ ھەرقانداق ئىشتا ۋە ھەرقانداق ساھەدە ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتىن ئىبارەت ساغلام يولىغا ۋەكىللىك قىلالمايۋاتقان بۇ ئىككى تەرەپ بىر قىسىم كېسەل قاراشلىرىنى بازارغا سېلىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
ئىسلامنىڭ ئەقىل بىلەن ۋەھىي، روھ بىلەن ماددا، دىن بىلەن ئىلىم-مەرىپەت، ئەقىدە بىلەن سىياسەت، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت، نەمۇنە بىلەن رېئاللىق، شەخس بىلەن كوللېكتىپ … ئارىسىدىكى ئوتتۇرھاللىق خاراكتېرى ئاساسىدا مىللەت خاراكتېرلىك ئانا ئېقىم يارىتىشقا پەرۋاسىز قارىماقتا.
ھالبۇكى ساغلام توغرا يول دېگەن ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىق خاراكتېرىگە ۋە مەقسەتلىرىگە رىئايە قىلىدىغان، ئوڭچى ئاشقۇنلۇق ۋە سولچى ئاشقۇنلۇقتىن خالى بولغان ئوتتۇراھاللىق سۈپىتىگە ئىگە يول ئىدى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي