دۇئا قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئىش- ھەرىكەت قىلىش ۋاجىپ
ئاللاھ بۇ كائىناتنى ياراتقاندا سەۋەب -نەتىجە قانۇنىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان، مۇسۇلمانلارنى كائىنات ۋە بۇ سەۋەب – نەتىجە قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇغان. ئاللاھ ئىنساننىڭ بۇ قانۇنىيەتلەردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىلىم – مەرىپەت ئاتا قىلغان، ئىلىم –مەرىپەت ئارقىلىق ئۇ قانۇنىيەتلەر ھەققىدە تەتقىق قىلىشقا ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بۇيرۇغان.
شۇڭا، قايسىبىر كىشىلەر بۇ قانۇنىيەتلەرگە سەل قارىسا، ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيەتلىرىنى كۆزگە ئىلمىغان بولۇپ قالىدۇ.
قۇرئان كەرىمدىكى دۇئالارنىڭمۇ سەۋەب -نەتىجىلەرگە باغلىنىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا قانچىلىغان مىساللارنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، تالۇتنىڭ ئەسكەرلىرى بارلىق سەۋەب – چارىلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن :«پەرۋەردىگارىمىز بىزگە چىدامچانلىق روھ ئاتا قىلسىلا، قەدىمىمىزنى تەۋرەنمەس قىلسىلا ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم ئاتا قىلسىلا» دەپ دۇئا قىلغان (بەقەر سۈرىسى، 249- 250- ئايەتلەر).
بۇنىڭغا ئاساسەن سەۋەب – چارە قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق پەقەتلا دۇئاغىلا تايىنىۋېلىش ئېغىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھ: «ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ» دېگەن (رەئد سۈرىسى، 11- ئايەت).
بۇ ئايەتكە ئاساسەن قايسىبىر مىللەت ئاللاھ ياراتقان سەۋەب- نەتىجە قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئەمەلىي ئىش – ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ شارائىتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنمىسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ناچار شارائىتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي