تارىختىن تارتىپ مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەت ماددى كۈچ- قۇۋۋەتنى قوغداپ كەلمەكتە. مىللەت ئەقىدىسى ساغلام، ئەخلاقى گۈزەل، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پىرىنسىپلىرى توغرا بولسا، بۇ مىللەتنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم بولىدۇ.
مىللەتنىڭ ئەقىدىسى سۇس، ئەخلاقى چاكىنا ۋە پىرىنپىسى ئاجىز بولسا، بۇ مىللەتنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىقى زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ.
ئەقىدىسى سۇس، ئەخلاقى چۈشكۈنلەشكەن مىللەت سىياسىي كۈچىنى قوغداپ تۇرالمايدۇ، چوڭقۇر ھاڭغا قاراپ تىز يول ئالىدۇ.
ئەمما ساغلام ئەقىدە، گۈزەل ئەخلاق، توغرا ئىدىيە ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ھىمايە قىلىش يولىغا ئۈمىدۋارلىق، ئىلمىيلىك ۋە ئىرادە بىلەن قەدەم قويغان مىللەت ئۇزۇنغا قالماي قولدىن كەتكەن ۋەتىنى ۋە تالان-تاراجغا ئۇچرىغان ماللىرىنى قايتۇرۇپ ئالالايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي