گۇناھ بىلەن يامان ئىشلارنىڭ پەرقى
گۇناھ (الذنب): ئۇ بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ھەقلىرىگە ئاسىيلىق قىلىشىغا قارىتىلىدۇ. بۇ گۇناھ ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنماسلىقتىن ياكى ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ سېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
مەسىلەن، ناماز ئوقۇماسلىق، روزا تۇتماسلىق، زاكات بەرمەسلىك، ھەج قىلماسلىق … قاتارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ گۇناھلار تەۋبە قىلىشنى ۋە ئىستىغپار ئېيتىشنى قوبۇل قىلىدۇ: «(ئى پەيغەمبەر! گۇناھ قىلىۋېرىپ) ئۆزىگە ئۇۋال قىلغان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ) بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر» (زۇمەر سۈرىسى، 53 – ئايەت)».
يامان ئىش- خاتا ئىش (السيئة): ئۇ ئىنسان بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان يامان ئىشلارغا قارىتىلىدۇ. يەنى بەندىلەرنىڭ ياكى باشقا مەخلۇقلارنىڭ ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يامان ئىشقا قارىتىلىدۇ. باشقىلارغا يامانلىق قىلىش گۇناھتۇر.
مەسىلەن، غەيۋەت، سۇخەنچىلىك، ھەسەت، ئوغرىلىق، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئېلىۋېلىش، زۇلۇم قىلىش، ھاقارەت قىلىش… قاتارلىقلار.
باشقىلارغا يامانلىق قىلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى دەسلەپتە بۇزغان ئىشلارنى تۈزىتىش، ئېلىۋالغان ماددىي نەرسىلەر بولسا قايتۇرۇپ بېرىش، مەنىۋى زىيان سالغان بولسا كەچۈرۈم تەلەپ قىلىش ئاندىن ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا باغلىق بولىدۇ: «ياخشى ئىشلار يامان ئىشلارنىڭ تەسىرىنى يوقىتىدۇ» (ھۇد سۈرىسى، 114- ئايەت).
دېمەك، كىشىلەر ھەققىدە قىلىنغان يامان ئىشلار ماددىي ھەقلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە، كەچۈرۈم سوراشقا، تەۋبە قىلىشقا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ… گۇناھىنى يۇيۇشقا موھتاج بولىدۇ.
باشقىلار ھەققىدە قىلىنغان يامان ئىشلار تەۋبە قىلىش بىلەن تۈگەپ قالمايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.