ئاللاھ قۇرئاننى قوغداشقا كېپىل بولۇپ، سۈننەتنى قوغداشقا كېپىل بولمىغانمۇ؟
سۈننەت ئىنكارچىلىرى: «إِنَّا نَحنُ نَزَّلنَا ٱلذِّكرَ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ» [ھىجر سۈرىسى، 9 – ئايەت] دېگەن ئايەتكە تايىنىپ تۇرۇپ: «ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى قوغداشقا كېپىل بولغان، سۈننەتنى قوغداشقا كېپىل بولمىغان. ئەمما، سۈننەت ئۆزگەرتىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇنىڭغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دېيىشىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلار يەنە: «ئەگەر سۈننەت ھۆججەت بولىدىغان ئىش بولسا، نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنى قۇرئاننى قوغداشقا كېپىل بولغاندەك كېپىل بولمىغان؟» دېيىشىدۇ.
بۇنىڭغا جاۋاب:
1. ئايەتتىكى «زىكىر» سۆزى پەقەت قۇرئاننىلا كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلاھىي رىسالەتنى ياكى ئىسلام دىنىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداق بولغاندا، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ۋە سۈننەتنى بىزگە يەتكەنگە قەدەر قوغدىغان بولىدۇ.
2. ئەگەر ئايەتتىكى «زىكىر» دېگەن سۆز پەقەت قۇرئاننىلا كۆرسىتىدۇ، دېگەنگە ماقۇل بولساقمۇ، ئاللاھنىڭ قۇرئاننى قوغدىشى سۈننەتنى قوغدىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى سۈننەت قۇرئاننىڭ بايانى ۋە ئىزاھاتىدۇر، سۈننەتنى قوغدىغانلىق ئەلۋەتتە قۇرئاننى قوغدىغانلىقتۇر. باشقىچە ئېيتقاندا، قۇرئاننى قوغداش ئۇنىڭ ئىزاھاتى ۋە بايانى بولغان سۈننەتنىمۇ قوغداشنى زۆرۈر قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، قۇرئان كەرىمنى قوغداشقا كېپىل بولغانلىق سۈننەتنىمۇ قوغداشقا كېپىل بولغانلىقتۇر.
3. ئاللاھ تائالا سۈننەتنى قوغداش، تەكشۈرۈش ۋە توپلاش ئۈچۈن كاتتا ئالىملارنى مەيدانغا چىقارغان. مانا بۇمۇ ئاللاھنىڭ سۈننەتنى ئالىملار ئارقىلىق قوغدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
مەزكۇر ئايەتتىكى «زىكىر» دېگەن سۆز قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دىنىنى كۆرسىتىدۇ. سۈننەت ئىنكارچىلىرى ئايەتتىكى «زىكىر»نى پەقەت قۇرئاننىلا كۆرسىتىدۇ، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇ يەردىكى «زىكىر»نى پەقەت قۇرئاننىلا كۆرسىتىدۇ، دەيدىغان قاراشنىڭ ئاساسى يوق، چۈنكى «زىكىر» دېگەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئاللاھنىڭ قوغداشقا ۋەدە قىلغىنى پەقەت قۇرئان بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئىلاھىي رىسالەتنى ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننى قوغداشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«زىكىر» سۆزى قۇرئان كەرىمدە جەمئىي 52 ئورۇندا كەلگەن بولۇپ، بۇ سۆز مەزكۇر ئورۇنلاردا «قۇرئان، شەرىئەت، سۈننەت، پەيغەمبەرنىڭ رىسالىتى، قوغداش، ئەسلەش، شەرەپ ۋە ئىبادەت» قاتارلىق تۈرلۈك مەنىلەردە كەلگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ئاللاھ تائالا باشقا ئايەتلەردە شەرىئەتنى بىر پۈتۈن قوغدايدىغانلىقىغا كېپىل بولغان: «ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. ئاللاھ ئۆز نۇرىنى چوقۇم تاماملىغۇچىدۇر، گەرچە (بۇنى) كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ» [ساف سۈرىسى، 8 – ئايەت]. بۇ ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ نۇرىدىن مەقسەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن شەرىئەت ۋە دىندۇر.
دېمەك، «إِنَّا نَحنُ نَزَّلنَا ٱلذِّكرَ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ» دېگەن ئايەتتىكى «زىكىر» سۆزىنىڭ ئەڭ مۇناسىپ مەنىسى پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنىنىڭ مەنبەسى قۇرئان ۋە سۈننەتتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە بولغان ئىكەن، بۇ دىندىن بىر نەرسە ھەرگىز يوقىلىپ كەتمەيدۇ ياكى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، ھەق بىلەن باتىل ياكى راست بىلەن يالغان ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ۋە پەيغەمبەردىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى قوغداشقا كېپىل بولغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ. بۇنىڭغا قۇرئان، سۈننەت، ئەقىل ۋە تارىختىن دەلىللەرنى كەلتۈرگىلى بولىدۇ:
1. ئاللاھنىڭ سۈننەتنى قوغداشقا كېپىل بولغانلىقىغا قۇرئاندىن دەلىل:
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان (ئەھكاملار) نى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق» دەيدۇ [نەھل سۈرىسى، 44 – ئايەت]. بۇ ئايەت سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ بايانى ۋە تەپسىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. قۇرئاننى قوغداشقا كېپىل بولغان زات ئۇنىڭ بايانى ۋە ئىزاھاتى بولغان سۈننەتنى ھىمايىسىز تاشلاپ قويارمۇ؟!
يەنە ئاللاھ تائالا: «ئاندىن ئۇنى (قۇرئاننى) بايان قىلىپ بېرىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر» دەيدۇ [قىيامە سۈرىسى، 19 – ئايەت]. بۇ ئايەتنىڭ تەقەززاسى ئاللاھنىڭ سۈننەتنى قوغداشقا كېپىل بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ كونكرېت بايانى بولغان سۈننەتنىڭ مەزمۇنىنى پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھىي قىلىدۇ، پەيغەمبىرىمىز ئۇنى ئۆز سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلەپ، بايان قىلىپ بېرىدۇ.
2. ئاللاھنىڭ سۈننەتنى ھىمايە قىلغانلىقىغا سۈننەتتىن دەلىل:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ سۈننىتىمدىن ئايرىلماڭلار» دەيدۇ [ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتتىم، شۇ ئىككىسىگە مەھكەم ئېسىلساڭلار، ھەرگىز ئېزىپ كەتمەيسىلەر: ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىم» [ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزىي رىۋايىتى].
ناۋادا ھەدىسلەر قوغدالمىغان ياكى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئىش بولسا ئىدى، ئۇنىڭ ساغلىمى بىلەن كېسىلى ئايرىلمايدىغان ئىش بولسا ئىدى، پەيغەمبىرىمىز ئۈممىتىدىن ئۇنى چىڭ تۇتۇپ مېڭىشنى تەلەپ قىلمىغان بولاتتى. چۈنكى، ئۆزگىرىپ كېتىدىغان نەرسىنى چىڭ تۇتۇپ مېڭىشنى تەلەپ قىلىش بىر پەيغەمبەرگە مۇناسىپ ئىش ئەمەس ھەم پەيغەمبەر ھەققىدە مۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، بۇ ئەھۋال ئاللاھنىڭ «قوغدايمەن» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، سۈننەتنىڭمۇ ھىمايە قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3. ئاللاھنىڭ سۈننەتنى قوغداشقا كېپىل بولغانلىقىغا ئەقلىي دەلىل:
قۇرئاندىكى «زىكىر» سۆزىدىن پەقەت قۇرئان كەرىمنىڭلا كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى لازىم ئەمەس. چۈنكى، قۇرئاندىكى «زىكىر» سۆزى پەقەت قۇرئان كەرىمنىلا كۆرسىتىدىغان ئىش بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا ئۇنى باشقا كۆپلىگەن ئورۇندا «قۇرئان» دەپ ئېنىق ئىپادىلىگەندەك، بۇ يەردىمۇ ئېنىق ئىپادىلىگەن بولاتتى.
مەزكۇر ئايەتتىكى «زىكىر» دېگەن سۆزدىن مەقسەت ئەگەر قۇرئان بولسا، «ئۇنى بىز نازىل قىلدۇق» دەپ «ئالماش» بىلەن ئىپادىلىگەن بولاتتى، چۈنكى سۈرىنىڭ بېشى ئېنىق قىلىپ «الٓرۚ تِلكَ ءَايَٰتُ ٱلكِتَٰبِ وَقُرءَانٖ مُّبِينٖ» دەپ «قۇرئان» سۆزى بىلەن باشلانغان. ئىسىم باشتا ئاشكارا تىلغا ئېلىنسا، كېيىنكى قېتىم ئۇنى «ئالماش» بىلەن ئىپادىلەش ئەرەب تىلىنىڭ گىرامماتىكىلىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن ھەم قۇرئاننىڭ بايانىغا ئەڭ لايىق ئەھۋالدۇر.
لوگىكىلىق جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەزكۇر ئايەتتىكى «زىكىر» سۆزىنىڭ پەقەت قۇرئاننىلا كۆرسىتىدىغانلىقىمۇ كەسكىن ئەمەس، بەلكى «زىكىر» سۆزىنى «قۇرئان» دەپ تەپسىر قىلىش يۇقىرىقى سەۋەبتىن لوگىكىلىق جەھەتتىن ئېھتىماللىقتىن تولىمۇ يىراقتۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئايەتتىكى «زىكىر»دىن مەقسەت ئىلاھىي رىسالەت ۋە پەيغەمبەرلىك شەرىپى دېيىلسە ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئىسلام شەرىئىتى دېيىلسە، تېخىمۇ مۇناسىپ بولىدۇ. «شەرىئەت» دېگەن قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن تەركىب تاپىدۇ.
دېمەك، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سۆزلىرىنى دەپ قويۇپلا يولىغا راۋان بولىدىغان ۋائىز ياكى پوچتىكەش ئەمەس، ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىن ئەقىدىسى، ئىبادەتلىرى، شەرىئىتى، ئەخلاقى ۋە پىرىنسىپلىرى بىلەن ئەمەلىي ھايات مېتودى ۋە روشەن ھايات خەرىتىسىدۇر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى قۇرئاننىڭ ئەمەلىي تەتبىقاتىنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر.
4. سۈننەتنىڭ قوغدالغانلىقىغا تارىخىي دەلىللەر:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى دۇنيا تارىخىدا ھېچبىر شەخسنىڭ سۆزى ئېرىشىپ باقمىغان دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشكەن. چۈنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئادەتتىكى ئىنسان ئەمەس، ئۇ دۇنياۋى پەيغەمبەر، ئىنسانىيەتنىڭ يېتەكچىسى، ئۈلگىسى، نۇر چېچىپ تۇرىدىغان مەشئەل ۋە مۇكەممەل ئىنساندۇر.
بۇ ھەقىقەتنى ساھابىلەر ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى مۇسۇلمانلار ھېس قىلىپ يەتكەن. شۇڭا، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گەپ – سۆزلىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى، ماقۇللۇقلىرى، ئىبادەتلىرى، ئەخلاقى، ئىجتىمائىي ھاياتى، ئىقتىسادىي مۇئامىلىسى، سىياسەتلىرى، جەڭلىرى ۋە كىشىلىك سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى نەقىل قىلىشقا، توپلاشقا، خاتىرىلەشكە، يادلاشقا، يەتكۈزۈشكە ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا يۈزلەنگەن.
ساھابىلەر ۋە تابىئىنلاردىن كېيىن، تەڭداشسىز سۈننەت ئۆلىمالىرى ھەدىسلەرنىڭ ساغلاملىرىنى، ئاجىزلىرىنى ۋە يالغانلىرىنى ئىنچىكە ئىلمىي ئۆلچەم ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ، «ئۆردىكىنى ئۇيان، غېزىنى بۇيان» ئايرىپ بەرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە زور ھەجىملىك ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەگەر ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ھىمايە قىلغاندەك، سۈننەتنىمۇ ھىمايە قىلمىسا ئىدى، سۈننەت زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھۇجۇمنىڭ كۆپلۈكى ۋە دۈشمەنلىكنىڭ ئېغىرلىقىدىن يوقىلىپ كەتكەن بولاتتى.
مانا بۇ ھەقىقەتلەر ئاللاھنىڭ سۈننەتنى قۇرئانغا ئوخشاش قوغدىغانلىقى توغرىسىدا كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاخىرقى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندەك، پەيغەمبەرلىكىنىڭ قىيامەتكە قەدەر ھۆججەت بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ دىنىنىڭ ئاساسلىرىنىمۇ قوغدىغان.
دېمەك، قۇرئاننىڭ بايانى ۋە شەرھىسى بولغان سۈننەت ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قوغدالغان؛ ئاللاھ تائالا قۇرئاننى قەلبتە يادلىتىپ قوغدىغان بولسا، سۈننەتنى رەسمىي كىتاب شەكلىدە توپلانغانغا قەدەر ھەدىس ئىلمىگە پىشقان، تالانتلىق ئالىملارنى مەيدانغا چىقىرىش ئارقىلىق ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغداپ كەلگەن.
سۈننەت ئىسلام قانۇنىنىڭ ئىككىنچى قانۇنشۇناسلىق مەنبەسى بولۇپ، ئۇ بولمىسا دىن ياكى شەرىئەت كامىل بولمايدۇ. سۈننەتنىڭ ئىگىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەپسى – خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. قۇرئاننىڭ بايانىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋەھىيدىن ئىبارەتتۇر.
شۇڭا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى (تۇتقان يولى) نى ياراتمايدىغان، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئەگىشىشنى قۇرئان كەرىمنىڭ بۇيرۇقى دەپ قارىمايدىغان، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى قايسىبىر پەيلاسوپنىڭ سۆزىگە ئوخشاش ئاددىي قارايدىغان، سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچى جاھىللار، ئازغۇنلار ۋە زىندىقلار ئوچۇق – ئاشكارا خاتا يولدىن تەۋبە قىلىپ، توغرا يولغا قايتقاي!