Screenshot
شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي ھەرىكىتى تۈرك دۇنياسى، ئىسلام دۇنياسى، غەرب دۇنياسى ۋە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ قوللىشىغا موھتاج. سىياسىي ھەرىكەتتە قوللىغۇچىلارنى كۆپەيتىش، دۈشمەننى ئازايتىش سىياسىي ھەرىكەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. سىياسىي ھەرىكىتىمىز بۇ ئەللەرنىڭ ھېچبىرىدىن بىھاجەت ئەمەس.
بۇ سەۋەبتىن، يىراقنى ئويلىماستىن ياكى ھاكىمىيەت بىلەن خەلقنى پەرقلەندۈرمەستىن بەزى ئەللەرنى بىزنى قوللىمىدى ياكى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى دەپ قېيداپ دۈشمەن تۇتۇۋېلىش سىياسىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن توغرا ئەمەس.
چۈنكى سىياسەت دېگەن سىياسىي پىرىنسىپ ۋە قىممەت قاراشتىن چەتنىمىگەن ئاساستا مۇمكىن بولغان ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىش دېمەكتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى.