مەن نېمە؟ قەيەردىن كەلدىم؟ قەيەرگە بارىمەن؟ نېمە ئۈچۈن؟
مۇقەددىمە
ئاخىرقى ھاياتىمدا يېزىۋاتقان بۇ كىتابىم ئارقىلىق بۇرۇندىنلا تەۋە بولغان مۇسۇلمانلارغا ئەمەس، بەلكى بۇددىستلارغا ياكى ئەھلى كىتابلارغا ياكى كىتابى ۋە پەيغەمبىرى بولمىغانلارغا، ئەسلا دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارغا، خۇددى دىنسىزلاردەك بىر ئىلاھقىمۇ، كۆپ ئىلاھقىمۇ چوقۇنمايدىغانلارغا، ياشاۋاتقان ھاياتىدىن كېيىن ئاخىرەت ھاياتىنىڭ بولىدىغانلىقى ۋە بۇ كائىناتنىڭ بىر ئىلاھى بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلارغا، شۇنداقلا ئىنساننىڭ روھى بولىدىغانلىقى ۋە بۇ ھايات بىلەن ئاخىرەت ھاياتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغان غەيرىي مۇسۇلمانلارغا خىتاب قىلماقچىمەن!
ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزى ھەققىدە ۋە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا ۋە جەسۇرلۇق بىلەن تەپەككۇر قىلىشى كېرەك.
بۇ دۇنيادىكى ھەربىر كىشىنىڭ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن، ئالىم بولسۇن ياكى ساۋاتسىز، جاھىل بولسۇن چوقۇم ئۆلىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. شۇڭا، بۇ ئۆلۈم پۈتۈنلەي يوقىلىشمۇ؟ ئۇنداق بولسا بۇ ھاياتنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ ياكى يەنە بىر ھايات بارمۇ؟ ئۇ قانداق ھايات؟ بىزدىن نېمىلەر تەلەپ قىلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسىلار؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىشى ۋە ئويلىنىشى لازىم.
كىشىلەر تولا پاراڭلىشىدىغان، ئىزدىنىدىغان ۋە ئوخشىمىغان قارار ياكى تەۋسىيەلەرنى چىقىرىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىلمىي ۋە پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرىدىن بۇرۇن مانا بۇ ھالقىلىق ۋە بۈيۈك مەسىلە ھەققىدە ئەقلىنى ئىشلىتىشى كېرەك. ئۇلار يۇقىرىقى مەسىلىلەردە پىكىرلەر قالايمىقانلىشىپ ھاۋايى-ھەۋەسلەر ھاكىم بولىۋالغاندا، شەھۋەتلەر ئالدى پىلانغا چىقىرىلىپ شەخس ياكى پارتىيە ياكى جەمەت مەنپەئەتلىرى غالىب كەلگەندە، ھەممە ئىنسانلار بىرلىككە كىلىدىغان بىر قارارغا يېتىپ بارالماسلىقى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن، ھەربىر ئىنسان كىملىكى ۋە بۇ ھاياتتىكى ئورنى ھەققىدە ئىزدىنىشى، بولۇپمۇ بۇ ھايات تەرتىبى بۇزۇلۇپ يېڭى ھايات كەلگەندىن كېيىنكى ئورنىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى چوڭ مەسىلىلەر ھەققىدە باش قاتۇرۇشى، ئىزدىنىشى ۋە ئەقلىنى ئىشلىتىشى كېرەك.
ئىنسانلار ئىچىدە ئۆزلىرىنى ۋە بۇ دۇنيانى ياراتقان ھەمدە دۇنيانى ئىنساننىڭ ھەرىكىتىگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەر ھاياتىنى بىھۇدە، پايدىسىز ۋە ھېچقانداق مەنىگە ئىگە بولمىغان ئۆرلەپ چۈشۈپ تۇرىدىغان بازار دەپ قارايدۇ.
ئەگەر ئىنسان ئاقىۋىتى ھەققىدە ئىزدەنگەن چاغدا، قەيەردىن كەلدىم؟ مېنى كىم بۇ دۇنياغا ئېلىپ كەلدى؟ ئەتراپىمدىكى بۇ كەڭرى ئالەمنى كىم پەيدا قىلدى؟ ئەتراپىمدىكى بۇنچە نۇرغۇن مەخلۇقاتلار نېمە مەقسەتتە، نېمە ئۈچۈن يارىتىلدى؟ دېگەن پىرىنسىپال ھالقىلىق مەسىلىلىرىگە يېتىپ بارالايدۇ.
ئەمما دىنغا، ئاللاھقا ۋە يەنە بىر ھاياتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇخلىغاندەك ئۆلىسىلەر، ئويغانغاندەك تىرىلىسىلەر، ئەمەللىرىڭلار بويىچە ھېساب بېرىسىلەر. ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق بويىچە مۇكاپاتلىنىسىلەر. نەتىجىدە يا مەڭگۈلۈك جەننەتكە ياكى مەڭگۈلۈك دوزاخقا ئېرىشىسىلەر» دەيدۇ[1].
مانا بۇ سۆز ئاخىرەت كۈنىگە، ئاخىرەتتە جەننەت – دوزاخنىڭ بارلىقىغا ۋە ئاخىرەتتە دىندار ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ۋە ئەبەدىي مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا؛ كاپىرلار، ئەسكىلەر ۋە بۇزغۇنچىلارنىڭ مەڭگۈلۈك ۋە ئەبەدىي ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىدۇر: «فَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ، وَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ» «كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇ ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»[2]. ھەربىر دىن ئىگىسى، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار مانا بۇ مەزمۇنلارنى باشقا ئۈممەتلەرگە، مىللەتلەرگە ۋە مىللەتسىز كىشىلەرگە يەتكۈزۈشى كېرەك.
مۇسۇلمانلار بۇ كىتاب ئارقىلىق بىر تەرەپتىن دىنى پەرز قىلغان، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننەتلىرى ۋاجىپ قىلغان ئاساسلىق پىرىنسىپلارنى ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىنغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنى پۈتۈن پەيغەمبەرلەر چاقىرغان ئىسلامغا چاقىرىشقا تەكلىپ قىلىنغان: «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، مەن (كىشىلەرنى) ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر ئوپئوچۇق دەلىل _ ئىسپاتقا ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»[3].
دېمەك، بارلىق مۇسۇلمانلاردىن، بولۇپمۇ شەرئى ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە ئىسلام دەۋەتچىلىرىدىن دىنسىزلار ۋە غەيرىي مۇسۇلمانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
بىز مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن باشلاپ دىنىمىزنىڭ مەلۇم مىللەت ۋە رايونغا خاس بولماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا ئەۋەتىلگەن دۇنياۋى دىن ئىكەنلىكىنى بىلىمز. چۈنكى بۇ پەيغەمبىرىنىڭ ئوچۇق ئېلانىدۇر. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەرەب-ئەجەم (باشقىلار)، ئاق- قارا، شەرق- غەربلىك، شىماللىق ۋە جەنۇبلۇق بارلىق ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مانا بۇ ھەقىقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇنلا ئېلان قىلىنغان، ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلگەن ۋە ھەممە كىشى مەككە سۈرىلىرىدە نازىل بولغانلىقىنى بىلىدىغان ھەقىقەتتۇر.
ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «بەندىسىنىڭ پۈتۈن جاھان ئەھلىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ!»[4].
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئېنىق خىتاب قىلىپ: «وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِّلْعَالَمِينَ» «بىز سېنى ئالەملەر ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق» دېگەن[5]. بۇ يەردە قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى پەقەت ئەرەبلەرگە ئەمەس، ياكى مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئالەملەرگە رەھمەت دەپ ئىپادىلىگەن. ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ» «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! مەن ئاللاھنىڭ ھەممىڭلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن»[6].
ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا كَافَّةً لِّلنَّاسِ بَشِيرًا وَنَذِيرًا» «بىز سېنى پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتتۇق»[7].
ئاللاھ قۇرئان كەرىم ھەققىدە: «قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن نەسىھەتتۇر» دېگەن[8]
يەنە قۇرئان كەرىم، ھەققىدە: «قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن نەسىھەتتۇر» دېگەن[9].
بۇ ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئايەتلەر مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ دەۋەت ئۈممىتى ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن دۇنياغا ھەر خىل تىللاردا قۇرئان كۆرسەتمىسىنى ۋە ئىسلام دەۋىتىنى يەتكۈزۈشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۆلىمالار كىشىلەرنى ئىككى قىسىمغا بۆلگەن:
بىرىنچىسى، ئىسلام نىداسىغا ئاۋاز قوشۇپ مۇسۇلما بولغانلار ئىجابەت ئۈممىتىدۇر.
يەنە بىرى، باشقىلار بولۇپ ئىسلامغا ھەر ۋاقىت چاقىرىلىشى كېرەك بولغان دەۋەت ئۈممىتىدۇر.
ئەمما مۇسۇلمانلار يەتكۈزدىمۇ؟
مېنىڭچە مۇسۇلمانلار مەجبۇرىيەتلىرىنى يېتەرلىك ئادا قىلمىدى، ئۇلار غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشى ۋە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقنى سەرپ قىلىشى كېرەك ئىدى، شۇنداق قىلغاندىلا ئاز-ئازدىن بولسىمۇ مەقسەتلىرىگە يېتەلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ نىشانىغا يېتىشى ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن تەلەپلەر بار. ئالدى بىلەن ئىنسانلارغا ھەر خىل تىللاردا، جانلىق تىل بىلەن، ئاددىي تىل بىلەن، دىراما، قىسقا ھېكايە، رومان، تىياتىر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا خىلمۇخىل مەدەنىيەتنىڭ بارلىقى شەكىللىرى ئارقىلىق دەۋەتنى يەتكۈزەلەيدىغان دەۋەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك.
ئىنسانىيەت ئۆزىنى نۇرغۇن ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلماقتا؛ بىر قىسمى ۋەتەن، ھايات ۋە ياشاش تەلەپلىرى ئۈچۈن بولغان بولسا، يەنە بىر قىسمى سىياسەت، كۈلتۈر ۋە كىملىك مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار بولماقتا.
ئىنسانلار ئۆزئارا ئىختىلاپلاشماقتا، ئۇرۇشماقتا ۋە بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماقتا، بەزى چاغلاردا بىر قىسىم ئىنسانلاردىكى ياخشىلىق تۇيغۇسى ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ماقۇل بولۇشى تۈرتكىسىدە ئىتتىپاق تۈزۈشمەكتە. ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي يامانلىق ياخشىلىق ئۈستىدىن غالىب كەلمەكتە، جەڭ مەيدانى قايتىدىن شەكىللەنمەكتە، ئىنسان ھالاكەت ئىچىدە ئىڭرىماقتا.
بىز ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشى، ئالەمنىڭ باشلىنىشى، ھاياتنىڭ باشلىنىشى، ئاخىرەت مەسىلىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ ھايات مەسىلىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈلتۈرنىڭ نەتىجىلىرىدە، ئەدىبلەر، مۇتەپەككۇرلار ۋە پەيلاسوپلارنىڭ يازمىلىرىدا، شۇنداقلا شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا مۇناسىپ مەيدان ۋە مۇۋاپىق ئورۇن ئېلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىدىغان ئىدۇق. ئەپسۇسكى، نۇرغۇن تەشۋىقاتچىلارنىڭ (ئاخباراتچىلارنىڭ) خەتەرلىك دەپ قارىلىدىغان بۇ تار كوچىغا كىرىشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.
بىز كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى ۋە بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بولۇپمۇ، قىسقىغىنە ھاياتىنى يەپ- ئىچىش، ئېسىل كىيىم-كېچەك ۋە ياخشى تۇرالغۇدىن بەھرىلىنىش بىلەن لەززەت ۋە شەھۋەتلەرگە غەرق بولغان ھالدا ئۆتكۈزۈۋاتقان كىشىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھايات قۇياشى پېتىپ، ھايات ئاخىرلاشقان چاغدا، ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن، قىسقا بولسۇن پۈتۈن ئىنسانلارغا چوقۇم كېلىدىغان ئۆلۈم كېلىدۇ. بۇ ئۆلۈم ئىنساننى دۇنياسى، مال-مۈلكى، بالا-چاقىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىدىن تۇيۇقسىز ئايرىيدۇ، ئۇ كېيىن نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بەزىلەر شۇ چاغدا ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلار بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلانسىمۇ، يەنە بەزىلەر گەرچە ئەڭ چوڭ ۋە مۇھىم مەسىلە ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ھەربىر جانلىقنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ۋە قانداق بولىدىغانلىقى بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ئەسلا ئويلانمايدۇ.
ئىنساننىڭ دۇنيا ھاياتىدىن كېيىنكى ئاقىۋەت مەسىلىسى بىزنى قەدىمدىن بۇيان كىشىلەر تەپەككۇر قىلىپ كەلگەن، ئۆزلىرىدىن سورىشىپ تۇرغان ۋە ئوخشىمىغان دەۋرلەردە نەقىل قىلىنىپ تۇرغان: مەن نېمە؟ قەيەردىن كەلدىم؟ ئەتراپىمدىكى، ئۈستىمدىكى ۋە ئاستىمدىكى بۇ ئالەم قەيەردىن كەلدى؟ دېگەندەك چوڭ مەسىلىلىرىگە بىر قۇر قاراپ چىقىشىمىزغا ئۈندەيدۇ.
بىز ئۆلگەندىن كېيىن قەيەردە بولىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئىزدەندۇق؛ ئۇ پۈتۈنلەي يوقىلىشمۇ ياكى باشقا بىر ھاياتمۇ؟ ئىنساننىڭ بىرىنچى ھاياتىغا ئاساسەن، ئىمانى ۋە ئەمەلى بويىچە ساۋاب بېرىلىدىغان ياكى جازالىنىدىغان يەنە بىر مەۋجۇتلۇقمۇ؟
ئاخىرقى سوئال بولسا: ئىنساننىڭ يارىتىلىش غايىسى نېمە؟ ئۇ ئىنسانغا بېرىلگەن ئىقتىدارلاردىن مەھرۇم ھايۋاناتلارنىڭ غايىسىگە ئوخشاش ماددىي غايىمۇ؟ ياكى ماددىنىڭ سىرتىدىكى روھىي غايىمۇ؟ ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى، ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلۇشىدىكى ۋە تولۇق تەييارلىق قىلىشىغا تەكلىپ قىلىنىشىدىكى مەقسەت زادى نېمە؟
مانا بۇلار كىشىلەرنىڭ: مەن نېمە؟ قەيەردىن كەلدىم؟ قەيەرگە بارىمەن؟ نېمە ئۈچۈن؟ دېگەن نۇقتىلارغا يىغىنچاقلىغان ئۆچمەس سوئاللاردۇر.
بىز بۇ سوئاللار ۋە ئۇنىڭ جاۋابلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە ۋە دىققەت-نەزەرنى تارتىشقا ئۇرۇنىمىز. شۇنداقلا بارلىق ئىنسانىيەتنى بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ۋە تەييارلىق قىلىشقا چاقىرىمىز. بۇ ئىش كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك تولىمۇ مۇھىم مەسىلىدۇر!
دوكتور يۈسۈف قەرەداۋى
1437- يىلى جۇمادىيەل ئاخىرنىڭ 5- كۈنى
2016- يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى.
دەۋھە- قەتەر.
[1] ئىبنى ئەسىر «تولۇق تارىخ»، 1- توم، 659 – بەت.
[2] زەلزەلە سۈرىسى، 7 – 8 – ئايەتلەر.
[3] يۇسۇف سۈرىسى، 108 – ئايەت.
[4] فۇرقان سۈرىسى، 1 – ئايەت.
[5] ئەنبىيا سۈرىسى، 107 – ئايەت.
[6] ئەئراف سۈرىسى، 158 – ئايەت.
[7] سەبە سۈرىسى، 28 – ئايەت.
[8] قەلەم سۈرىسى، 52 – ئايەت.
[9] تەكۋىر سۈرىسى، 27 – ئايەت.