ياشلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى مەغلۇبىيەت ئاچقۇچلىرى
تۇرمۇشتا غەلىبە قىلىش ئاچقۇچلىرى بولغاندەك، مەغلۇپ بولۇش ئاچقۇچلىرىمۇ بار. مەغلۇپ بولۇش ئاچقۇچلىرىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ساقلانغان كىشى ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئۇتۇق قازىنالايدۇ.
تۇرمۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
1. ۋاقتىنى ۋە تۇرمۇشىنى رەتكە سالماسلىق:
ۋاقىت، ئوقۇش، ئىشلىرى ۋە نەرسە كېرەكلىرىنى رەتكە سالماسلىق مەغلۇبىيەتكە باشلاپ بارىدۇ.
2. كېچىكتۈرۈش:
ۋاقىتنى قەدىرلىمەسلىك، دەرسكە كېچىكىپ كېلىش، كۆڭۈل بۆلمەسلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش.
3. باھانە ئىزدەش:
ئىنسان قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ياكى دېگەن گەپ -سۆزلىرىنىڭ ياكى سەل قاراپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋاقىتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم، چۈنكى ھېچكىم باھانە ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، باھانە كۆرسىتىپ يۈرمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش لازىم.
4. سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك:
ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق، تاماقنى كۆپ يېيىش، بەدەن چېنىقتۇرماسلىق، ئاخشاملىرى ۋاقتىدا ياتماسلىق ۋە يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق.
5. مۇھىم ئىشلارنى بىرىنچى ئورۇندا قويماسلىق:
ناماز، قۇرئان، ئەخلاق، دەرس، خىزمەت، ئويۇن، چېنىقىش، ئايلىنىش… دېگەندەك ئىشلارنى مۇھىملىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلماسلىق.
6. قىيىنچىلىقلارغا چىدىماسلىق:
ئوقۇش يولىدا ياكى تۇرمۇش يولىدا قىيىنچىلىق كېلىپ قالسا ئاسان بەل قويۇۋېتىش، ئوقۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا چىدىماسلىق، ئوقۇش ياكى ئىش ئازراق قىيىن بولسا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاز كېچىش،
7. ۋاقىتنى زايە قىلىۋېتىش:
ۋاقىتنى تېلېفون ئويناپ، تېلېۋىزور كۆرۈپ ياكى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ زايە قىلىۋېتىش،
ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلارغا ياكى ياشلارغا نىسبەتەن تېلېفون ئويناش ياكى ئويۇن ئويناش مەكتەپنىڭ ياكى كۇرسنىڭ دەرسلىرى تولۇق تۈگىگەندىن كېيىن، بىرەر سائەت كۆرىدىغان نەرسە بولۇشى كېرەك ئىدى.
8. ئىشنى ئارقىغا سۈرۈش:
دەرسنى ئارقىغا سۈرۈش، ئوقۇشنى ئارقىغا سۈرۈش، نامازنى ئارقىغا سۈرۈش، ئۆينىڭ ئىشىنى ياكى قىلىدىغان باشقا ئىشنى ئارقىغا سۈرۈش مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئاچقۇچى.
شۇڭا، ياشلار قىلىشقا تېگىشلىك ھەرقانداق بىر ئىشنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرمەسلىك لازىم، كېچىكتۈرۈشنى ئاقلىماسلىق ياكى باھانە تاپماسلىق لازىم. ۋاقىت پۇرسىتى بار چاغدا، ئىمكانىيەت بار چاغدا ۋە ياش چاغدا، قىلىدىغان ئىشنى كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا قىلىۋېلىش غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.
9. ھۇرۇنلۇق قىلىش:
ئۇزۇن مۇددەت ھۇرۇنلۇق قىلىش مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.
ئوقۇش يېشىدا ئوقۇماي ھۇرۇنلۇق قىلىش، ئىشلەيدىغان چاغدا ئىشلىمەي ھۇرۇنلۇق قىلىش، مۇھىم ئىشلارنى قىلىدىغان چاغدا ئارقىغا سۆرەپ ھۇرۇنلۇق قىلىش، بىرەر ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانماي ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۈش مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئەڭ چوڭ ئاچقۇچى.
10. ئوقۇش ھاياتىدا ۋە تۇرمۇشىدا مەغلۇپ بولغان ياشلارنى دوست تۇتۇۋېلىش:
ئوقۇشتا ياكى ھاياتىدا نەتىجە قازانماقچى بولغان ياشلار دېگەن نەتىجە قازانغان ياشلارنى دوست تۇتىدۇ. ئوقۇشتا ئىلغار، ئاڭ سەۋىيەسى يۇقىرى، ئىبادەتلىرى ۋە ئەخلاقى جايىدا بولغان ياشلارنى دوست تۇتۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
ئەمما ئوقۇشتا مەغلۇپ بولغان، ئىبادەتتە پاسسىپ، ئەخلاقى ناچار ۋە بىكار تەلەپ ياشلارنى دوست تۇتقان ياشلار تۇرمۇشىدا مەغلۇپ بولىدۇ.
11. مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش:
ئوقۇشتا ياكى بىرەر ئىش قىلىشتا مەغلۇپ بولۇشتىن ئەنسىرەش مەغلۇبىيەتكە باشلاپ بارىدۇ. ئوقۇش ياكى تۇرمۇش ئىشلىرىدا مەغلۇپ بولۇشتىن قورقماي تەكرار ئۇرۇنۇش غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.
12. روھى ھالىتىگە سەل قاراش:
ئىمانىنى كۈچلەندۈرۈشكە، قەلبىنى پاكلاشقا، ئەخلاقىنى تۈزىتىشكە، ئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە ناچار ئادەتلىرىنى تاشلاشقا سەل قاراش مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئاچقۇچى.
شۇڭا، روھىي ھالىتىنى جانلىق ۋە پاك تۇتۇشقا سەل قارىغان ئىنسان تۇرمۇشىدا مەغلۇپ بولىدۇ.
13. ئىرادە قىلغان ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك:
ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى ياكى نىشان – مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىسا، مەغلۇپ بولىدۇ. شۇڭا، ئىرادە قىلغان ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، جىددىي بولۇش، تېرىشىپ ئۆگىنىش ۋە ئالدىراپ بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.