پەيغەمبەرىمىزگە ئىتائەت قىلماي تۇرۇپ ھىدايەت يولىغا كىرگىلى بولمايدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىم ماڭا ئاسىيلىق قىلسا، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ» دەيدۇ (ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان).
پەيغەمبىرىمىزگە ئىتائەت قىلىش ئۇنى ھەرقانداق سۆيگۈدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىش، ئۇنىڭ ئەخلاقلىرى بىلەن ئەخلاقلىنىش ۋە ئۇنىڭ يولىدا مېڭىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.
ئەگەر بىز پەيغەمبەرىمىزنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ سەھىھ سۈننەتلىرىنى ۋە ھەدىسلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىدىغان ھەمدە شەرقشۇناسلارنىڭ ئىدىيەلىرىدىن زەھەرلىنىپ قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن ھەدىسلەرنى ئۆزئارا سوقۇشتۇرۇپ، پەقەت قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىمىز دەپ مۇسۇلمانلارنى ئىدىيە جەھەتتىن ئازدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئازغۇنلاردىن ۋە خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ غالچىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي