بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننى ياخشى كۆرۈشى ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ئىختىيارى بىر تۇيغۇ ياكى ئىختىيارى بىر ئىش ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمى ۋە جەننەتكە كىرىشنىڭ شەرتىدۇر.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە:« مۆمىنلەر ئۆز ئارا قېرىنداشتۇر» دەيدۇ (ھوجۇرات سۈرىسى، 10- ئايەت).
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئىنسانىيەتنىڭ يېتەكچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئىمان ئېيتمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايسىلەر…» دەيدۇ (ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان).
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي