سۈننەتنى ئىنكار قىلىش زامانىۋى ئاتېئىزملىقنىڭ يولى
ئۆزلىرىنى «قۇرئانچىلار» دەپ ئاتىۋېلىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىنى (تۇتۇپ ماڭغان يولىنى) ئىنكار قىلغۇچىلار يېڭى زاماندىكى زىندىقلاردۇر. سۈننەتنى بىر پۈتۈن ئىنكار قىلغۇچى بۇ زىندىقلار ئاخىر زاماننىڭ شەيتانلىرىدۇر. سەھىھ مۇسلىمدا بايان قىلىنىشىچە، ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «دېڭىزدا سۇلايمان ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن زىندانغا تاشلانغان شەيتانلار بار، ئۇ شەيتانلار يېقىندا چىقىپ، كىشىلەرگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىشى مۇمكىن» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].
قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قارشى چىقىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قارشى يول تۇتىدىغانلار پىتنىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ياكى چوڭ بىر ئازابقا يولۇقۇشتىن ھەزەر ئەيلىسۇن» دەيدۇ [نۇر سۈرىسى، 63 – ئايەت].
بۈگۈنكى زاماندا پەيغەمبىرىمىزنىڭ پۈتۈن سۈننەتلىرىنى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئىنكار قىلىشتىنمۇ قارشى يول تۇتۇش بولامدۇ؟! پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇتقان يولىغا قارشى يول تۇتقانلار ياكى ئۇنىڭ يولىنى ئىنكار قىلغۇچىلار پىتنە (كۇپۇرلۇق، مۇناپىقلىق، ئازغۇنلۇق) ياكى ئېغىر ئازابقا ئۇچرايدۇ.
قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئالمىغان كىشىلەرنىڭ ئىماندىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىرەر مەسىلىدە تالاش – تارتىش قىلىشىپ قالساڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئەڭ گۈزەلدۇر» [نىسا سۈرىسى، 59 – ئايەت].
بۇ ئايەتكە ئاساسەن، مۇراجىئەت قىلىش − ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى تۇتۇپ مېڭىش ئارقىلىق بولىدۇ. كىمكى پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى تۇتۇپ ماڭمىسا، ئايەتنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن، ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.
قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇستەقىل قانۇن يولغا قويۇش سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ: «ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ بىلمەيدۇ» دەيدۇ [تەۋبە سۈرىسى، 29 – ئايەت]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى نېمىدىن توسقان بولسام، ئۇ ئىشتىن يېنىڭلار؛ سىلەرنى نېمە ئىشقا بۇيرۇغان بولسام، كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].
دېمەك، يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان ۋە بۇ يەردە نەقىل قىلىنمىغان مۇشۇ مەنىدىكى باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە بىنائەن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەرگەن ئىمتىيازىغا ئاساسەن سۈننەتلىرى ئارقىلىق قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە. شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بارلىق مۇپەسسىر ئالىملارنىڭ نەزىرىدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقلىرىغا، چەكلىمىلىرىگە ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئىتائەت قىلىش پەرزدۇر.
قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيدىغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈشكىلا بۇيرۇمايۋاتىدۇ، بەلكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشقىمۇ بۇيرۇۋاتىدۇ. ئەگەر سۈننەت بولمىسىمۇ، قۇرئان كەرىملا ئىسلامنى چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىشتا كۇپايە قىلىدىغان ئىش بولسا، ھەرگىز پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، دېمىگەن بولاتتى. لېكىن، قۇرئان كەرىم بىرقانچە ئايەتتە قۇرئاندىن سىرت، ھېكمەتكە ئەگىشىشكە بۇيرۇغان. مەزكۇر ئايەتلەردىكى «ھېكمەت»تىن مەقسەت پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى ۋە كۆرسەتمىلىرىدۇر.
كىمكى قۇرئان كەرىمنى باشتىن – ئاخىر، تەپەككۇر كۆزى بىلەن ئوقۇپ چىقىدىغان بولسا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىشنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشنىڭ شەرتى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر» [ئال ئىمران سۈرىسى، 31 – ئايەت].
دېمەك، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشنىڭ ، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ۋە گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنىڭ شەرتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە ۋە ئۇنىڭ يولىنى تۇتۇپ مېڭىشقا باغلىق.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «بۇ قۇرئاننى مەندىن ئېلىڭلار» دېگەندە ئىشەندۇق. «سۈننىتىمنى (ئۇمۇ ئىلاھىي ۋەھىي) قوبۇل قىلىڭلار» دېگەندە، سۈننەت ئىنكارچىلىرى ئۇنىڭغا كاپىر بولدى.
ئەينى زاماندا پەيغەمبىرىمىز بۇ خىل ئازغۇن تائىپىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ: «بىلىپ قېلىڭلاركى، ئاللاھ ماڭا قۇرئاننى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەھىينى ئاتا قىلدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كارىۋىتىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: قۇرئاننىلا تۇتۇپ مېڭىڭلار، قۇرئاندا نېمە ھالال بولسا، ھالال دەپ بىلىڭلار؛ قۇرئاندا نېمە ھارام بولسا، ھارام دەپ بىلىڭلار، دەيدىغان ئادەملەر ئۇزۇنغا قالماي چىقىدۇ» [ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى] دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ: «بەزى ئەخمەق كىشىلەر: ئۇلارنى (يەنى پەيغەمبەر بىلەن مۇئمىنلەرنى) يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسى (بەيتۇلمۇقەددەس) دىن نېمە بۇرۇۋەتكەندۇ؟ دەيدۇ» [بەقەرە سۈرىسى، 142 – ئايەت].
قۇرئاندا ئۇلار كەئبىنى قىبلە قىلىشتىن ئىلگىرى يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئوقۇغان قىبلىنىڭ بايانى بارمۇ؟ ئۇ قىبلىنىڭ بايانى قۇرئاندا يوق، سۈننەتتە بار. دېمەك، قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق، سۈننەت ئىنكارچىلىرىنىڭ زىندىقلىقىنى؛ سۈننەتكە قارىساق، ئۇلارنىڭ شەيتانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجماسىغا قارايدىغان بولساقمۇ، بۇ تائىپىنىڭ مۇسۇلمانلىقتىن چەتنىگەن، ئىسلام ئۈممىتىدىن ئايرىلغان ئازغۇن ئېقىم ئىكەنلىكى ئاشكارىدۇر.