ئىجتىھاد ۋە تەقلىد
ئىجتىھاد (الاجتهاد)[1]:
ئىجتىھاد دېگەن شەرئىي ھۆكۈملەرنى مەنبەسىدىن يەكۈنلەشكە سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىنىڭ ھۆكۈم يەكۈنلەش ئۈچۈن ئەقلىي پائالىيەت قىلىشى ياكى ئەقلى ئىزدىنىشى «ئىجتىھاد» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئىجتىھاد قىلىشقا سالاھىيىتى توشىدىغان كىشى چامىنىڭ يېتىشىچە ئىجتىھاد قىلىشى؛ ئىجتىھاد قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان، سالاھىيىتى توشمايدىغان كىشىلەرنىڭ مۇجتەھىدكە تەقلىد قىلىشى ۋاجىپ. ئىجتىھاد قىلىش مۇجتەھىدنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ۋاجىپتۇر.
مۇجتەھىد بولغان كىشى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىزدىشى، ئىجتىھاد قىلماقچى بولغان مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك دەلىللەرنى، ساھابىلەرنىڭ، تابىئىنلارنىڭ ۋە ئىلگىرىكى مۇجتەھىدلەرنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە دائىر قاراشلىرىنى توپلاپ يەكۈن چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ مۇشۇ جەرياندا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ توغرىنى تاپسا ئىككى ئەجىرگە، خاتالاشسا بىر ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.
تەقلىد قىلغۇچى (المقلد):
تەقلىد قىلغۇچى[2] ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى كىشىگە تەقلىد قىلمايدۇ، بەلكى ئىمام ئەزەم، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەدكە ئوخشاش ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن، ئەل ئارىسىدا ئىلمى ۋە ئەخلاق – پەزىلىتى بىلەن تونۇلغان ئالىمغا تەقلىد قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىشى كېرەك. مەزكۇر ئىماملار ئىلمىي ئىستېداتى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ مەزھىپى ئەسىرلەر مابەينىدە نۇرغۇنلىغان ئالىم – ئۆلىمالار ۋە مۇجتەھىدلەر تەرىپىدىن شەرھلەنگەن ۋە تەتقىق قىلىنغان. ئەمما يېڭى يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تەقلىد قىلغۇچى كىشىلەر ئارىسىدا ئىلمى ۋە ئەخلاقى بىلەن تونۇلغان، دەۋرىنىڭ مەسىلىلىرىدىن خەۋەردار، شۈبھىدىن يىراق مۇجتەھىدنى ئىزدەپ، شۇنىڭدىن پەتىۋا سورىشى كېرەك.
ئىجتىھاد سالاھىيىتى يوق، بىر قىسىم نادان كىشىلەرنىڭ ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئوقۇپلا: «پالان ئىش ۋاجىپ، پۇستان ئايەت ياكى ھەدىس بۇنىڭ دەلىلى؛ پالان ئىش ھارام، پۇستان ئايەت ياكى ھەدىس بۇنىڭ دەلىلى» دەپ جۆيلۈشلىرى دەلىل بويىچە ئىش قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ، مۇجتەھىدنىڭ ئىجتىھادىدىن بىھاجەت قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئىش جاھالەتتىن ئىبارەت بولۇپ، بۈگۈن بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئىلمىي قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئاساسىي سەۋەبىدۇر. ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە قارشى دەلىل كەلتۈرۈشىمۇ ئىنتايىن ئاسان. بىرى ئوقۇغان ئايەت ياكى ھەدىسكە مەزمۇنى ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئايەت ياكى ھەدىسنى ئوقۇپلا: «سېنىڭ دەلىلىڭ بولسا، مېنىڭمۇ دەلىلىم بار» دەپ ئۆز خاھىشى بويىچە ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئۆزئارا زىتلاشتۇرىدۇ.
شۇنداقلا بارلىق نەسلەر (ئايەت ۋە ھەدىسلەر) نى[3] يادلاشمۇ ئىجتىھادقا تەڭ ئەمەس. بەزىلەر ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرىنى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەلىللەرنى يادلاپ، ئۆزىنى مۇجتەھىد چاغلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىجتىھاد ئەمەس. مەلۇم بىر ساھەدە ئىجتىھاد قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىق باشقا ساھەلەردىمۇ ئىجتىھاد قىلسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. جۈملىدىن، بەزىلەرنىڭ ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئىجتىھاد قىلىش سالاھىيىتىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئىقتىساد ۋە سىياسەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلىش سالاھىيىتىگە يەتمىگەنلىكىنى كۆرەلەيسىز.
بۈگۈنكى كۈندە تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان كوللېكتىپ ئىجتىھاد ياكى شۇرا سالاھىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن، بەلگىلەنگەن قائىدە – پىرىنسىپقا ئۇيغۇن بولسا، ماختاشقا تېگىشلىك ياخشى ئىش. چۈنكى، ئۇ، ئاللاھ تائالانىڭ: «…ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا… ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر»[4] دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر. لېكىن، ئەمەلىي تەتبىقاتقا كەلگەندە، بەزى خەتەرلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ كوللېكتىپ ئىجتىھاد مەسىلىسىگە سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. «بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش» دېگەن قايناق ھېسسىياتنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ توغرىنى قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
[1] ئىجتىھاد: يېتىشكەن ئالىمنىڭ قۇرئان-سۈننەتتە دەلىلى روشەن بايان قىلىنمىغان مەسىلىلەردە ياكى يېڭىدىن يۈز بەرگەن مەسىلىلەردە شەرئىي ھۆكۈمگە يېتىش ئۈچۈن شەرئى مەنبەلەر ئاساسىدا ئەقلىي جەھەتتىن ئىزدىنىشى ياكى تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى ئىجتىھاد دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، پاي چېكى، ئەزا يۆتكەش، سۈت بانكىسى، تور سودىسى…نىڭ ھۆكمى دېگەندەك يېڭى مەسىلىلەر ئىجتىھادى مەسىلە ھېسابلىنىدۇ (تەھرىر).
[2] تەقلىد (التَّقْلِيْدُ): فىقھ ئىستېمالىدا «بىرەر ئالىمنىڭ ھۆكمىگە دەلىلىنى بىلمەستىن ئەگىشىش» دېمەكتۇر، دەلىلسىز سۆزنى قوبۇل قىلىشمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. دەلىلگە تايانماي، باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئەگەشكۈچى بولسا «مۇقەللىد (الْمُقَلِّدُ)» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىمام جۇرجانىي: «ئەتتەئرىيفات»، 90 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھىجرىيە 1405 – يىلى نەشرى؛ ئىلمىي تەتقىقات گۇرۇپپىسى: «مۇئجەمۇ مۇستەلاھاتىل ئۇلۇمىششەرئىييە (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 521 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، 2017 – يىلى نەشرى.
[3] نەس (النَصُّ): «قۇرئان» ۋە «سۈننەت»تىن بولغان نەقلىي دەلىلنى كۆرسىتىدۇ. كۆپلۈكى نۇسۇس (النُّصُوصُ). ئىلمىي تەتقىقات گۇرۇپپىسى: «مۇئجەمۇ مۇستەلاھاتىل ئۇلۇمىششەرئىييە (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1695 – بەت؛ مۇھەممەد ئۇبەيدۇللاھ ئەلئەسئەدىي: «ئەلمۇجەزۇ فى ئۇسۇلىلفىقھ»، 137 – بەت، دارۇسسالام، 3 – باسمىسى، قاهىرە، 2021 – يىلى نەشرى.
[4] سۈرە شۇرا، 38 – ئايەت.