سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ تۆۋەندىكى ئاساسىي ساۋاتلارغا ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ:
1. ئىسلامىي ئاساسلار: ئىسلامنىڭ ئالىي مەقسەتلىرى ۋە ئىسلامنىڭ سىياسىي پىرىنسىپلىرىنى چوڭقۇر بىلىش،
2. پراگماتىك تەپەككۇر: پايدا-زىياننى سېلىشتۇرۇش قائىدىلىرىن بىلىش ۋەئەمەل قىلىش، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى قاراپ ھەرىكەت قىلىش ۋە سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيەتلىرىگە رىئايە قىلىش،
3. مىللىي مەنپەئەت: شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش چۈشەنچىسىدە بولۇش،
4. دۆلەتچىلىك ئېڭى: مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەرقى تۈركىستان دۆلەتچىلىك ئېڭىنىڭ يېتىلىشى،
5. سىياسىي سەزگۈرلۈك: رېئاللىقنى توغرا باھالاش، ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالدىن پەرەز قىلىش ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆتكۈر سەزگۈرلۈككە ئىگە بولۇش،
6. ئىستراتېگىيەلىك پىلان: ئىشلارنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ياخشى چۈشىنىش ۋە پىلانلىق ھەرىكەت قىلىش،
7. يېتەكچىلىك ۋە ئالاقە: يېتەكچىلىك ماھارىتى، دىپلوماتىيە ۋە مۇنازىرە قىلىش قائىدىلىرىنى پىششىق بىلىش… قاتارلىقلار.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي