ئەركەكتەك ئوغۇل بالىلار
ئەركەكلىك دېگەنلىك راستچىللىق، ئىشەنچىلىك بولۇش، مەسئۇلىيەتچانلىق، مەرھەمەت ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىشتىكى جەسۇرلۇقتۇر.
تۆۋەندە ئوغلىڭىزنىڭ ياخشى بىر يىگىت بولۇپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان بەزى ئاساسلار بايان قىلىنىدۇ:
1. ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپلا مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆگىتىڭ.
بالىڭىز يېشىغا ماس كېلىدىغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىپ چوڭ بولغانسېرى، ئۆزىگە تايىنىشنى ئۆگىنىدۇ.
2. نەسىھەت قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىز ئۈلگە بولۇڭ.
چۈنكى بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزلىرىدىن بەكرەك قىلمىشلىرىدىن كۆپرەك تەلىم ئالىدۇ ۋە تەسىرلىنىدۇ.
3. ئۇنىڭ ھەممە تەلەپلىرىنى ئورۇنلاپ بېرىۋەرمەڭ.
ئۇنى سەۋر قىلىشقا ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئادەتلەندۈرۈش ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ.
4. باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىڭ.
چۈنكى ھەقىقىي ئەركەكلىك گۈزەل ئەخلاقتا، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىشتا، كىچىكلەرگە مەرھەمەت قىلىشتا ۋە مۇئامىلىدە سىلىق بولۇشتا نامايان بولىدۇ.
5. قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئۈندەڭ.
ئۇنىڭ ھەممە قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆزىڭىز ھەل قىلىپ بېرىشكە ئالدىرىماڭ، بەلكى ئۇنىڭغا قانداق ئويلىنىشنى ۋە چارە تېپىشنى ئۆگىتىڭ.
6. ئۇنىڭ قەلبىگە ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىق ئېڭىنى سىڭدۈرۈڭ.
ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالەتتە كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلسە، كىشىلەر يوق يەردىمۇ ۋىجدانى ئويغاق تۇرىدۇ.
7. ئۇنى ئەخلاقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى ئۈچۈن ماختاڭ.
ئۇنىڭغا: «راستچىللىقىڭ بەكمۇ ياقتى»، «مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۈستۈڭگە ئالغانلىقىڭ ئۈچۈن رەھمەت» دەڭ، لېكىن پەقەتلا «سەن كۈچلۈك» دېيىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماڭ.
8. ئۇنىڭغا ئەركەكلىكنىڭ رەھىمسىزلىك ئەمەس، بەلكى مەرھەمەت ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىڭ.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە بالىلىرىغا ئەڭ مەرھەمەتلىك زات ئىدى، ئۇنىڭ مەرھەمىتى كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سىيماسى ئىدى.
ھەمىشە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،
بىز پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشىلا ئەرلەرگە ئوخشايدىغان بالىلارنى ئەمەس… بەلكى ئەخلاقى، سۆزى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئاللاھتىن قورقۇشى بىلەن ھەقىقىي ئەركەك بولغان يىگىتلەرنى ئارزۇ قىلىمىز.
ھەقىقىي ئەركەكلىك تاشقى كۆرۈنۈش بىلەن ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك تەربىيە بىلەن بەرپا بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي