2025-يىل 26-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىي ماقالىلىرى

ھەجنىڭ مەقسەتلىرى

ھەجنىڭ مەقسەتلىرى

ھەج ئۈممەتنى ماددى ۋە روھى جەھەتتىن بېسىپ چېنىقتۇرۇش مەركىزىدۇر، ئۇ ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇش ئېتىبارى بىلەن نىشان، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ۋاسىتە. تەقۋالىقنى قولغا كەلتۈرۈش نىشان، تەقۋالىق شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ۋاسىتە. ۋاستىسىز نىشان بولمىغاندەك، نىشانسىز ۋاسىتە بولمايدۇ.

ھەجدىكى ئەڭ چوڭ مەقسەت ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، ئىدىيەنى ساپلاشتۇرۇش، قەلبىنى پاكلاش، ئاللاھقا بولغان سۆيگۈنى كۈچەيتىش، ئىتائەت خاراكتېرلىك ئىشلارنى كۆپ قىلىش ۋە بىرەر مۇسۇلمانغا قايسى جەھەتتىن بولسۇن ئازار بېرىشتىن ساقلىنىشتۇر.

(1)

ھەجنىڭ روھى ۋە ماددى مەقسەتلىرى:

بىرلىك:

ئىسلام دىنى باراۋەرلىك ئۇقۇمىنى ئىجات قىلغان. بۇ مەقسەت ھەج پائالىيىتىنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدا ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىنسانلارغا باھا بېرىش پەقەت تەقۋالىق ئۆلچىمى بىلەن بولىدۇ.

مەنپەئەت:

ھەج پائالىيىتى توغرىسىدا «مەنپەئەتلەر بار»دېگەن ئايەت كەلگەن. بۇ مەنپەئەتلەر  ئىقتىسادى، سىياسىي، ئىجتىمائىي…مەنپەئەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، تىجارەت قىلىش، ساياھەت قىلىش، يېمەك-ئىچمەك ۋە قاتناشقا ئوخشاش ئىقتىسادى مەنپەئەتلەر؛ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى بىر نىشان ۋە بىر ئورۇنغا جۇغلاش ئارقىلىق ھەيۋىتىنى ئاشۇرۇش، تاۋاب قىلىش، يۈگۈرۈش ۋە تاش ئېتىش ئارقىلىق بەدىنى جەھەتتىن چېنىقتۇردىغان چېنىقىش مەنپەئەتى؛ ھەممەيلەننىڭ بىر نىشانغا قاراپ ھەرىكەتلىنىشىدىكى ئىجتىمائىي مەنپەئەتلەر؛ ھەر يىلى تەكرارلىنىدىغان ئەڭ كۆپ ئادەم توپلاشقان خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق ئۆز-ئارا تونۇشۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن كېلىدىغان مەدەنىيەت مەنپەئەتلىرىدىن ئىبارەت.

ھەج ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلەر ساناقسىز، ھېچ بولمىغاندا گۇناھلاردىن ئۆزىنى كونترول قىلىش مەنپەئەتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ھەجنىڭ ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭ پايدىسى پۈتۈن گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈشى ۋە جەننەتكە كىرىشتۈر، چۈنكى ئىخلاس بىلەن توغرا قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر. شۇڭا ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىش لازىم، ھەجنى چۈشىنىپ ۋە مەقسەتلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ قىلمىسا، مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ.

ھەج دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۈز بېرىدىغان دۇنياۋى مەدەنىيەتلىك قۇرۇلتايدىن ئىبارەت. بىز مۇسۇلمانلار ئىبادەت شوئارلىرىمىزدا بىرلىشىدىغان بىرىنچى ئۈممەت. بىز ھەج، جۈمە نامىزى، جامائەت نامىزى، روزا تۇتۇش ۋاقىتلىرى…دا بىرلىشىدىغان ئۈممەت.

ئىبادەت شوئارلىرىدا بىرلەشكەندەك نېمە ئۈچۈن ئىقتىساد، سىياسەت ۋە مەدەنىيەتكە تەۋە ھايات ساھەلىرىدە بىرلەشمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئەمەلىي ھايات مەيدانلىرىدا بىرلىشىشتە ھەممىنىڭ ئارقىدا قالدۇق؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئىدىيە ۋە تەتبىقلاشتىكى نۇقسان سەۋەبتۇر. ئەتراپىمىزدىكى پۈتۈن دۇنيا ئەقىدە، تىل، ئىبادەت ۋە مەدەنىيەت بىرلىكى بولمىسىمۇ، ئورتاق مەنپەئەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشمەكتە.

بىز مۇسۇلمانلارغا قارىساق دىنىمىز ۋە كىملىكىمىز بىزنى بىرلەشتۈرىدۇ، مەدەنىيەت ۋە ئورتاق ئادەتلەر بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھاياتنىڭ مۇكەممەل مېتودى بولغان شەرىئىتىمىز بىر بولغانلىقى ئۈچۈن ھاياتىمىزنىڭ پۈتۈن مەيدانلىرىدا بىرلىشىشىمىز بىزگە ئەڭ لايىق.

(2)

پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ھەج قىلىڭ

سىز ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى قەلبىڭىز، دىلىڭىز، روھىڭىز، تىلىڭىز ۋە ئەزالىرىڭىزنى پاكلاپ تەييار قىلىڭ. قەلبىڭىز تەپەككۇر قىلىشقا، دىلىڭىز ئىتائەت قىلىشقا، روھىڭىز يۇمشاشقا، تىلىڭىز زىكىر ئېيتىشقا ۋە ئەزالىرىڭىز ئىتائەت قىلىشقا ئادەتلەنسۇن. ھەجگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ سىزدە ھەق-ھوقۇقى بولسا، ئۇنى ئادا قىلىپ ئاندىن چىقىڭ، باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان بولسىڭىز قايتۇرۇپ بېرىڭ، تەۋبە قىلىڭ.

ئۆزىڭىزنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن بەيتۇللانى زىيارەت قىلىشقا چاقىرىلغان مېھمان ئىكەنلىكىڭىزنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەج پائالىيىتىدە پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بەك تىرىشىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھەج پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى ئاز، ھەج قىلىشتىن مەقسەت تەقۋالىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسەتتۇر. قەلبىڭىزنى ئاللاھقا باغلاڭ، ئاللاھنىڭ بەيتىگە باغلاپ دۇئا قىلىڭ.

ھەج روھى، جىسمانى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، تەربىيىۋى، ئەقلى، تىلى ۋە قەلبى بىلەن بولىدىغان كاتتا ئىبادەت. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ھەجنى:«ئۇرۇش قىلماي قىلىدىغان جىھادتۇر»(ئەھمەد رىۋايىتى)دەپ سۈپەتلىگەن.

مەقسىتىنى چۈشۈنۈپ قىلغان ھەج كۆزدىن ياش ئاقتۇرىدۇ، قەلبىنى يۇمشىتىدۇ، دۇئا قىلدۇرۇپ سېغىندۇرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا تەشەببۇس قىلىدۇ، قەلبنى چوڭقۇرىدىن تىترىتىپ تەقۋالىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئېسىل ئىشلارنى قىلىشقا سەۋەبچى بولىدۇ.

ھەجنىڭ مەقسىتىنى چۈشۈنۈپ ھەج قىلغان مۇسۇلمان ھايات پائالىيىتى ۋە نىشانىنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئەرەپات مەيدانىدا تۇرغان چېغىدا پۈتۈن دۇنيانى ھىدايەت قىلىش ۋە بەختلىك قىلىش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

(3)

ھەج پائالىيىتىدىكى مەقسەتلەر

1.تاۋاب قىلىش:

تاۋاب قىلىش جەريانىدا كەبىگە قاراش، كەبىنى سىلاش ۋە قىستىلىش ئەھۋالى يۈز بەرمىسە قاراتاشنى سىلاش ھەجنىڭ مەقسىتى ئەمەس، بەلكى ئىنسان، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە كەبىدىن ئىبارەت جانسىز نەرسىگىمۇ ئەدەبلىك مۇئامىلە قىلىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن تاۋاب قىلىش، ھەج قىلىش، ھەج ئاياغلاشقاندىن كېيىن ياكى يۇرتقا قايتقاندىن كېيىنكى ھاياتىڭىزدا خاراكتېرىڭىز پەرىشتە مىجەز بولسۇن. پۈتۈن ھاياتىڭىزدا كەڭ قورساق بولۇش، تەمكىن بولۇش ۋە باشقىلارغا پەقەت ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغان ئەخلاقنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. ھەج پائالىيىتى جەريانىدىكى مەدەنىيەتلىك ئىستىلىڭىز ۋە كۆز-قارىشىڭىز پۈتۈن ھاياتىڭىزدا ئەكىس ئېتىشى لازىم، بولمىسا ھەجنىڭ بۈيۈك مېۋىسىدىن مەھرۇم قالىسىز.

سىز كەبىنى تاۋاب قىلغاندا تاشنى تاۋاب قىلمايسىز، بەلكى كەبىنى سىموۋول دەپ قاراپ تاۋاب قىلىسىز. ئۇنداقتا ئىنسانىيەتنى ھىدايەت يولىغا باشلاش ۋە ئويغىتىشنى مەقسەت قىلغان غايە ئىگىسى سۈپتىدە پۈتۈن ھاياتىڭىزدا چوڭ ئىشلارنى مەقسەت قىلىپ تاۋاب قىلىڭ. ھاياتىڭىزدىكى تاۋاب(ھەرىكەت) يۈزەكى ياكى شەھۋانىي ئىشلارنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ قالمىسۇن.

2.قارا تاشنى سىلاش:

سىز تاۋاب قىلىۋېتىپ قاراتاشنى سىلاش جەريانىدا ئاللاھقا ۋەدە-قەسەم بېرىۋاتقان مەقسەتنى ئېسىڭىزگە كەلتۈرۈڭ. سىز مۇشۇ مەيداندا پەرۋەردىگارىڭىزغا گۇناھتىن قول ئۈزۈپ تەۋبە قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىڭ. «پەرۋەردىگارىم تەۋبە قىلدىم، قايتا گۇناھ سادىر قىلمايمەن» دەپ ۋەدە بېرىڭ. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىڭىز راست بولسا، ئاللاھ سىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدۇ.

زەمزەم سۈيىنى ئىچكىنىڭزدە بۇ سۇنىڭ قايسى بىر سۇغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ھاجەر ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۇ پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى قانچىلىك چاڭقاپ كەتكەنلىكىنى ئەسلەڭ. دېمەك، بىزمۇ ئاللاھ يولىدا كەلگەن جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۆزىمىزنى كۆندۈرۈشىمىز لازىم. بۇ يەردە قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانچىلىق كېلىدىغانلىقى، كېچە قانچە ئۇزۇراپ كەتسىمۇ ھامان تاڭ ئاتىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماڭ: «كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى»(تالاق سۈرىسى،2،3-ئايەتلەر). سىز دەسلەپتە سەۋەب-چارىسىنى قىلسىڭىز ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانچىلىقنىڭ كېلىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيىتىدۇر. چۈنكى ھەقىقى تەۋەككۇلچىلىك دېگەن سەۋەبىنى تولۇق قىلىپ بولغاندىن كېيىن نەتىجىسىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت.

3.ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش:

ساپا-مەرۋە ئارىسىدا يۈگۈرۈش ھەجنىڭ بىر نىشانى ۋە قىسمىدۇر. شۇنداقلا بىلىم-مەرىپەت ۋە دۇنيالىققا تەۋە ئىش-ھەرىكەتنى جايىدا تولۇق قىلىش ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھاياتنى ھەرىكەتلەندۈرۈشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ۋاسىتىدۇر. ساپا-مەرۋە ئارىسىدا يۈگۈرۈش تەرتىپسىز ئىش بولماستىن، مۇئەييەن دائىرىسى بار پائالىيەتتۇر. دېمەك، بۇ پائالىيەت ھاياتتا مەدەنىيەت يارىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا ئىشارەتتۇر. ھەر قانداق پائالىيەت چوقۇم شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمە دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك، چۈنكى شەرىئىتىمىزدە غايە ۋاستىنى ئاقلاپ بېرەلمەيدۇ.

ساپا-مەرۋە ئارىسىدا يۈگۈرگەندە ھايات مەيدانىدىكى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھەر بىر ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. بۇ ئورۇندا ھاجەر ئانىمىزنىڭ بالىسىغا دۇنيالىق ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سۇ ئىزدەپ قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى ئەسلەڭ. دېمەك، بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ يولىدا، دەۋەت قىلىش يولىدا كەلگەن مۇشەققەتلەرگە، شۇنداقلا ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققى قىلىش يولىدا، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زېمىننى گۈللەندۈرۈش يولىدا جاپا-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشىمىز نېمە دېگەن مۇھىم ئىش ھە! يۇقىرىقى نىشانلار ئۈچۈن جاپا چىكىش ئاللاھ يولىدىكى ئىبادەت ۋە ئاللاھقا يېقىنلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ.

4.تاش ئېتىش:

تاش ئېتىش ئىلاھى بۇيرۇققا بويسۇنغانلىق ۋە ئاللاھقا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئىتائەتمەنلىكنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقنىڭ مەنىسىنى نىشان قىلىدىغان سىمولىدىن ئىبارەت. سىز ھەر بىر تاشنى ئاتقاندا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە قارىشى ئاتىدىغانلىقىڭىزنى ۋە ئۇنىڭغا قارىشى تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۇنۇتماڭ. شەيتانغا تاش ئېتىشنىڭ مەنىسى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدە ۋە قەسەم ئورنىدا ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ. شۇنداقلا ھەر قانداق ماكان ۋە زاماندا شەيتانغا قارىشى داۋاملىق جەڭ ئېلان قىلغانلىق ئىكەنلىكىنىمۇ ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ.

ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم! مۇسۇلمان دائىم دېگۈدەك شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە ئۆزىڭىزنى گۇناھ-مەئسىيەتتىن قوغداش ئۈچۈن «شەيتاننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن ئاللاھ بىلەن ئامانلىق تىلەيمەن» دېگەن سۆز ئارقىلىق شەيتانغا تىلىڭىز بىلەن تاش ئېتىڭ.

مىنا مەيدانىدا جىن ۋە ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپقان شەيتانلارغا تاش ئېتىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتى توختاپ قالماسلىقى كېرەك. تاشنى جىندىن بولغان شەيتانغا ئاتماي، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى تۈرلۈك شەيتانلارغىمۇ نەپرەت تۇيغۇسى بىلەن ئېتىش لازىم.

مەنسەپ، ھوقۇق، مال دۇنيا ئۈچۈن دىننىڭ ئۆزگەرمەس پرنسىپلىرىنى بۇرمىلاۋاتقان، ساغلام ئىدىيەنى بۇزۇۋاتقان ساتقۇن شەيتانلارغىمۇ نەپرەت قەلبى بىلەن ئېتىش لازىم. مىنا مەيدانىدىكى شەيتانلارغا تاش ئېتىش ھەر قانداق تۈردىكى شەيتانغا ئېتىلغان تاشتۇر. شەيتانغا قارىشى تۇرۇش ۋە زەربە بېرىش ئىدىيەسى ئۆمۈر بويى داۋاملىشىشى لازىم. مانا بۇ ھەجنىڭ مەقسىتىدۇر.

 

5.قۇربانلىق قىلىش، چاچ چۈشۈرۈش:

قۇربانلىق قىلىپ مۇھتاجلارغا تارقىتىپ بەرگەندە، دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلىگەن ئىش-ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئەسلەڭ. كەمبەغەل ۋە مىسكىنلەرگە كۆيۈنۈشنىڭ مەنىسىنى ئەسلەڭ، زېمىننىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى كەمبەغەل ۋە مۇھتاج مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ.

چاچ چۈشۈرگەن ياكى قىسقارتقان چېغىڭىزدا ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر بىچارىلىكنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. چېچىڭىزنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بېشىڭىزنى تۆۋەن تۇتۇپ بەرگەن ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ھەر قانداق ئىشقا رازىلىق ئېلان قىلغانلىقىڭىزنى بىلىڭ. چاچ چۈشۈرۈپ ياكى قىسقارتىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ھەر قانداق بىر ئىشنى مۇشەققەتلىك بولسىمۇ قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەپ ۋەدە بېرىڭ.

 

تەكرار ھەج قىلىش توغرىسىدا

ھەج قىلىش بىر قېتىم پەرز، ئارتۇق ياكى تەكرار قىلىش سۈننەت ھېسابلىنىدۇ، ساۋاب تاللاشتا پەرز خاراكتېرلىك نۇرغۇن ئىشلار بىلەن سۈننەت خاراكتېرلىك ئىشلارنىڭ ساۋابىنى سېلىشتۇرۇپ ئىش قىلىڭ.

 

ئاخىردا

كۆزۈڭىز مىليونلىغان ھاجىلارغا چۈشكەندە ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى بىلەن خۇرسەن بولۇڭ. دۇنيانىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن كەلگەن بۇ ھاجىلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىنى دۇنياغا قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن يېتەكلەشكە سالاھىيىتى بار بىر يېتەكچىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن سەمىمى دۇئا قىلىڭ. بۇ ھاجىلارنىڭ بىر-بىرىنى يۆلەپ تۇرغان بىر بەدەن ۋە بىر بىنادەك مۇستەھكەم ئىناق بولىشى ئۈچۈن، دۇنيادا خاپىلىق تارتىۋاتقان مۇسۇلمانلار قېرىنداشلىرىنىڭ غېمىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشىغا دۇئا قىلىڭ.

ھەج ئۆز-ئارا تونۇشۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ھەجنىڭ بىر مەقسىتى. سىز ھەج قىلىش ئارقىلىق ياخشى بىر مۇسۇلمان بولۇپ يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئىسلاھ قىلىدىغان دەۋەتچىگە ئايلىنىشىڭىز كېرەك. ئۆزىڭىز ياخشى بولسىڭىزلا مەسئۇلىيەت تۈگىمەيدۇ، مۇسۇلمان ياخشى بولىشى ۋە باشقىلارنىڭ ياخشى بولىشى ئۈچۈن دەۋەت قىلىشى لازىم.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2016.8.24 كۈنى

مىسىر، قاھىرە شەھىرى.