جەمئىيەتلەرنى جازالاشتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى
ئاللاھ:«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا-قازادىن ساقلىنىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»دەيدۇ(ئەنفال سۈرىسى، 25-ئايەت).
رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ ئومۇمىيي خەلقنى خاس بىر قانچە ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرى بىلەن جازالىمايدۇ. يامان ئىشلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاشكارا بولسا، ئۇلار توسالايدىغان تۇرۇقلۇق توسمىسا، ئۇ چاغدا ئومۇمىيي ۋە خۇسۇسىي ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى جازالايدۇ»دېگەن(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). مىللەت ياكى ئۈممەت خاراكتېرلىك سىناق كېلىپ قالسا، ياخشى-يامان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە تەڭ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇپ زۇلۇمنىڭ ۋە پىتنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
رەسۇلۇللاھ:«كىشىلەر زالىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنى زۇلۇم قىلىشتىن توسۇۋالمىسا، ئاللاھنىڭ مىللەت خاراكتېرلىك بىر تۇتاش كېلىدىغان جازاسىغا ئۇچرىشى يېقىنلىشىپ قالىدۇ»دېگەن(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
يۇقىرىقى ئايەت جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئۆز-ئارا كېپىل بولۇش خاراكتېرلىك بولىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا، چۈنكى يامان ئىشلارغا قارشى تۇرۇشتا ھەر بىر مۇسۇلمان قاتنىشىشى لازىم. مەسئۇلىيەتنى ھۆكۈمەتكە ياكى بىر تۈركۈم كىشىلەرگە يۈكلەپ قويسا توغرا بولمايدۇ. يامان ئىشلارنى كۆرگەن ھامان قولى ياكى تىلى ياكى قەلبى ئارقىلىق ئىپادە بىلدۈرۈشى لازىم.
ئالىملار ۋە ئەقىللىق كىشىلەر بۇزغۇنچىلىق ۋە پاساتچىلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن ھامان كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئاقىۋىتىنى بايان قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا سۇسلۇق قىلسا پاساتچىلىق كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ، يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زورىيىپ كېتىدۇ.