2024-يىل 6-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئالمىشىش قانۇنىيىتى

ئالمىشىش قانۇنىيىتى

تارىخ بويى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۈزەتكەن كىشى ھەزارەت مەشئىلىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە بىر ئۈممەتتىن يەنە بىر ئۈممەتكە يۆتكىلىپ تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ.

دۇنيا ھاياتىنىڭ تۈزۈمى ھەق بىلەن باتىلنى، ياخشى بىلەن ياماننى، ئىتائەت قىلغۇچى بىلەن ئاسىيلىق قىلغۇچىنى ئايرىماي تۇرۇپ بىر خىل ھالەتتە داۋاملاشمايدۇ. مۇشۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلاھىي ھېكمەت بۇ دۇنيادا ئالمىشىش قانۇنىيىتى يولغا قويغان. بۇ قانۇنىيەت بەزىلەرنى يۇقىرى كۆتۈرسە يەنە بەزىلەرنى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، سىناق ۋە ئايرىش ھېكمىتىنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن بەزىلەر غەلىبە قىلسا، يەنە بەزىلەر مەغلۇب بولىدۇ. مۇشۇ ئىلاھىي قانۇنىيەتكە ئاساسەن ئاللاھ غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت قانۇنىيىتىنى بارلىق كىشىلەرنى تەتبىقلىغان. غەلىبە-مەغلۇبىيەت قانۇنىيىتى دۆلەت ۋە مىللەتلەر ئارا ئالمىشىپ تۇرىدۇ، بىر مىللەت غەلبىدىن مەھرۇم بولسا، يەنە بىر مىللەتكە نېسىپ بولىدۇ. غەلىبە-مەغلۇبىيەت قانۇنىيىتى سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتى بويىچە داۋاملىشىدۇ.

 كۈنلەرنىڭ ئىنسان ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا ئالمىشىپ تۇرۇش قانۇنىيىتىنى قۇرئان كەرىم مۇقەررەرلەشتۈرگەن :«ئەگەر سىلەرگە مۇسىبەت يەتكەن بولسا، دۈشمەنلەرگىمۇ ئوخشاشلار مۇسىبەت يەتتى. بۇ كۈنلەرنى كىشىلەر ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز(يەنى غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنى ھەمىشە بىر پىرقىدە، بىر مىللەتتە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىر كۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز). بۇ ئاللاھنىڭ ھەقىقى مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن)ئايرىشى ئۈچۈندۇر، بەزىڭلارنى شېھتىلەردىن قىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ. مۆمىنلەرنى (ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەت ئارقىلىق) پاكلىشى ئۈچۈندۇر، كاپىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر»(ئال ئىمران سۈرىسى، 141-ئايەت)

بۇ ئايەتتىكى «كۈندىن» مەقسەت غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن كۈن. كۈنلەرنى ئايلاندۇرۇپ تۇرۇش ھەق مەيدانىدىكى كىشىلەرنىڭ ناھەق سەپتىكى كىشىلەرگە قارشى تۇرۇشىدىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدۇر. غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ سەۋەبلىرى قىلىنسا، نەتىجە ھەق ئىگىلىرى بولغان مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ بولىدۇ. غەلىبە بەزىدە باتىلغا، يەنە بەزىدە ھەق ئىگىلىرىگە بولسىمۇ، ئاخىرى ھەق ئىگىلىرى غەلىبە قىلىپ چىقىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇرۇندىن بولۇپ كەلگەن قانۇنىيىتىدۇر. ئايلىنىپ تۇرۇش قانۇنىيىتى سەۋەبلىرىنى بىلگەن، قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەنگەن ۋە رېئايە قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ئاساسىدا بولىدۇ. بۇ قائىدە ئۆزگەرمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ مىقدارى ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىدۇ:«ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ياخشىلىقىڭلار ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر»(ئىسرا سۈرىسى، 7-ئايەت).

ئايلىنىپ تۇرۇش قانۇنىيىتى ۋە ئاللاھنىڭ زالىملارغا تۇتقان قانۇنىيىتى

ئايلىنىپ تۇرۇشتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى زالىم مىللەتنى زۇلۇم قىلغانلىقى سەۋەبلىك ھالاك قىلىشتۇر: «زالىم قەۋمدىن باشقا يەنە كىملەر ھالاك قىلىنىدۇ؟» (ئەنئام سۈرىسى،47-ئايەت).

زۇلۇم ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە پاسىقلىق، گۇناھ، ئىتائەتتىن چەتنەش ۋە ئۆز-ئارا زۇلۇم قىلىشىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلىشى؛ يەنە بىرى ھاكىملارنىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ، ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرۇپ ۋە خار ھاياتقا ئادەتلەندۈرۈپ زۇلۇم قىلىشىدۇر. بۇ خىل ھالەتكە چۈشۈپ قالغان مىللەت مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرالمايدۇ.

جەمئىيەت كۈپۇرلىقى بىلەن قېلىپ قېلىشى مۇمكىن، بىراق زۇلۇم بىلەن ئۆزىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ بىرەر قەۋمنى زۇلۇم ئارىلاشمىسا كۇپرى سەۋەبىدىن ھالاك قىلمىغان:«پەرۋەردىگارىڭ ئاھالىسى ياخشى بولغان يۇرتلارنى زۇلۇم سېلىپ ھالاك قىلمايدۇ» (ھۇد سۈرىسى، 117-ئايەت).

ئىبنى تەيمىيە:«ئاللاھ ئادىل دۆلەتنى گەرچە كاپىر بولسىمۇ ساقلاپ قالىدۇ، زالىم دۆلەتنى گەرچە مۇسۇلمان بولسىمۇ ساقلاپ قالمايدۇ. دۇنيا ئادالەت ۋە كۇپرى بىلەن ئايلىنىدۇ، زۇلۇم ۋە مۇسۇلمانچىلىق بىلەن ئايلانمايدۇ، دېيىلىدۇ. چۈنكى ئادالەت ھەممە نەرسىنىڭ تۈزۈمىدۇر، ئەگەر دۇنيا ئىشلىرى ئادالەت بىلەن تۇرسا-گەرچە ئۇلارغا ئاخىرەتتە نېسىۋە بولمىسىمۇ- تۇرۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئادالەت بىلەن تۇرمىسا، گەرچە ئىگىلىرى مۇسۇلمان بولسىمۇ بۇ دۆلەت تۇرالمايدۇ»دېگەن.

ھەزارەتتە ئىنسانغا ئوخشاش ياخشىلىق-يامانلىق، پەزىلەت-رەزىلەت، ھەق ۋە باتىل بولىدۇ. قايسى بىر ھەزارەتتە پاساتچىلىق، بۇزغۇنچىلىق، زۇلۇم ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشقا ئوخشاش ۋەيران بولۇش ئامىللىرى بولىدىكەن، ئۇزۇنغا قالماي، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ھەزارەت پەيدا بولىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخى مەدەنىيەت ئالمىشىش باسقۇچلىرىدىن ئىبارەت.