2024-يىل 6-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

خاتىرجەملىك قانۇنىيىتى

خاتىرجەملىك قانۇنىيىتى

 

ئاللاھ:«ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا مۇشرىكلىكنى ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر»دەيدۇ(ئەنئام سۈرىسى،82-ئايەت). خاتىرجەملىك ئىماننىڭ يېقىنى. قەلبتە قورقۇنچنىڭ پەيدا بولىشى، قەلبتىكى ئىماننىڭ سۇسلۇقى ۋە خاتا ئەقىدىلەر سەۋەبىدىن بولىدۇ.

قورقۇنچىنىڭ دورىسى دائىم ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىنى ياخشىلاشتۇر، كەمبەغەللىكتىن قۇتۇلۇش يولى ھەممىدىن بىھاجەت بولغان ئاللاھ بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتۇر، باشقىلاردىن قورقۇشتىن قۇتۇلۇش يولى ھەممىدىن كۈچلۈك بولغان ئاللاھ بىلەن ئالاقە باغلاشتۇر ۋە بىر بۆلەك ئىتائەت خاراكتېرلىك ئىشلارنى قىلىشتۇر :«ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى. ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك ياكى قورقۇنچىدەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا زارلانغۇچىدۇر. بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر. پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكاتتىن باشقا) بېرىدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنىگە تەستىق قىلىدىغانلاردۇر. ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى (ئاللاھ ئەمىن قىلغاندىن باشقا ھېچبىر ئادەم ئۈچۈن) ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر. ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر. پەقەت خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، مالامەت قىلىنمايدۇ. (جىنسى تەلىۋىنى قاندۇرۇشنى) بۇنىڭ سىرتىدىن ئىزدىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رېئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇر. ئۇلار نامىزىنى ئادا قىلغۇچىلاردۇر»(مائارىج، 22-34-ئايەتلەر).

بۇ سۈپەتلەردىن ھەر بىر سۈپەت ئىماننىڭ بىر خىسلىتىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئىنساننىڭ ئىمانىي قۇرۇلمىسىنى تولۇقلايدۇ. ئىنسان بۇ سۈپەتلەردىن بىر سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنسە ئىمانى تېخىمۇ ئاشىدۇ ۋە خاتىرجەملىككە قارىتا تۇيغۇسى تولۇق بولىدۇ.  بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئىچىدە ناماز ئاساسلىق سۈپەتتۇر، ئەگەر بۇ سۈپەتلەر ناماز ئوقۇمايدىغان ئادەمدە جۇغلىشىپ قالسا قورقۇنچىنى داۋالىيالمايدۇ. ناماز ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ۋە ۋەدىسىنى ھەر كۈنى كۈچەيتىپ تۇرىدۇ.

ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسىڭىز، ئاللاھ سىزگە خاتىرجەملىك بېرىدۇ. بىزنىڭ تۇيغۇمىز ئىستىلىمىز بىلەن تەسىرلىنىدۇ. كىم ياخشى كۆرۈشنى ھېس قىلماقچى بولسا، باشقىلارغا مۇھەببىتىنى تەقدىم قىلسۇن. كىم خاتىرجەملىكنى ئىرادە قىلسا باشقىلارغا خاتىرجەملىكنى تەقدىم قىلسۇن. سىز باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج، ئەگەر باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە سىزمۇ باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ، ياردەم سىزگە سىز مۇھتاج بولغان مۇناسىپ پەيتتە كېلىدۇ. بۇنىڭ كېپىلى ئاللاھ. بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننىڭ ياردىمىدە بولسا ئاللاھ ئۇنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ. مائارىج سۈرىسىدە بايان قىلىنغان ئىماننىڭ ئەخلاقلىرى بىلەن ئەخلاقلانغان كىشى خاتىرجەملىك ۋە مۇھەببەتنى قانات يايدۇرىدۇ. مەھسۇلات تېرىلغۇنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.

ئاللاھنى ئەسلەش خاتىرجەملىكنى ئېلىپ كېلىدۇ: «ئىمان ئېيتقانلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش ئارام تاپىدۇ. بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ»(رەئد سۈرىسى، 28-ئايەت).

ئىمان قەلبتە مۇستەھكەم ئورنىغاندا، ئاللاھنى زىكىر قىلىش شەيتان ۋەسۋەسە ئارقىلىق پەيدا قىلىۋاتقان قورقۇنچىلاردىن غالىب كېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىغا ئايلىنىدۇ. شەيتان ئىنساننىڭ ئاجىزلىق نۇقتىسىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق باش ئەگدۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.

مۆمىن كىشى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى دەپ ئىشەنگەن ھالدا ھەرىكەتلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھنىڭ مۆمىنگە قىلغان تەقدىرى، مۆمىن ئۈچۈن ياخشىدۇر»دېگەن(ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). مۆمىن كۈنىنى ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن باشلاپ، يەنە ئەسلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ھەر بىر ھەرىكىتىدە ئاللاھنىڭ يېقىنلىقى ۋە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇڭا مۆمىن ئەتراپىدىكىلەرگە خاتىرجەملىكنى تەقدىم قىلىپ، پەرۋەردىگارىدىن تېخىمۇ كۆپ خاتىرجەملىكنى كۈتىدۇ.

 ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي